باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇلتۇر بىر يىللىق تۆت تۈردىكى ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمى مىقدارىنى كونتىرول قىلىش نىشان ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنلاندى

2015.01.30 16:58         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى تۈنۆگۈن چۈشتىن بۇرۇن، ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇلتۇر بىر يىللىق تۆت تۈردىكى ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمى مىقدارىنى كونتىرول قىلىش نىشان ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  تونۇشتۇرىلىشىچە، بۇلتۇر بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىت ئومۇمى سۈپىتى تۇراقلىق ھالەتنى ساقلىغان، قىسمەن نۇقتىلاردا ياخشىلىنىش بولغان. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئىككىنچى دەرىجىلىكتىن ياخشى بولغان كۈن سانى ئومۇمى كۈن سانىنىڭ %75.1 ىنى تەشكىل قىلغان. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئىككىنچى دەرىجىلىكتىن ياخشى بولغان كۈن 310 كۈن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئالتە كۈن ئاشقان. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈلگەن دەريا ئېقىنىنىڭ 1- دەرىجىلىكتىن 3- دەرىجىلىككىچە بولغان دائىرىسى ئومۇمى كۆلەمنىڭ %94ىنى تەشكىل قىلغان. كۆللەرنىڭ سۇ سۈپىتى ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %67.8 كە يېتىپ، سۇ سۈپىتى ئەھۋالى ئومۇمى جەھەتتىن تۇراقلىق ھالەتنى ساقلىغان. مەركەزلىك ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنىڭ ئومۇمى سۈپىتى ناھايىتى ياخشى بولغان.

  چۈشەندۈرۈلىشىچە، ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمى مىقدارىنى كونترۇل قىلىش نىشان ۋەزىپىسى، گوۋۇيۈەننىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى باھالاشتىكى ئاساسلىق تۈرى بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىر رايوننىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى كونترول قىلىش ئومۇمى سەۋىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر