باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئىسسىق شامالدا قاقلاپ گۈلە قۇرۇتۇش ئۆيىدىن 3 مىڭنى قۇرۇپ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن

2015.01.30 16:54         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسپلەشتۈرۈش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئىسسىق شامالدا قاقلاپ گۈلە قۇرۇتۇش ئۆيىدىن 3 مىڭنى، سىغىمچانلىقى 50 توننا كېلىدىغان ۋە قوراشتۇرغىلى بولىدىغان يۈرۈشلەشكەن سۇغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدىن مىڭنى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاپ ئىشلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئىسسىق شامالدا قاقلاپ گۈلە قۇرۇتۇش ئۆيىدىن 1 مىڭ 500نى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 13 ناھىيە، شەھەر، 94 يېزا- بازار، 440 مەمۇرى كەنت، 96 كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، 1 مىڭ 36 ئائىلىلىك دېھقان بۇنىڭدىن مەنپەئەتكە ئېرىشتى. شۇ يىلى قۇرۇلۇش باشلاپ، شۇ يىلى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بىرىش، شۇ يىلى ئۈنۈمىنى كۆرۈشتەك ئالدىن بەلگىلەنگەن نىشان ئەمەلگە ئاشتى. تۈر قۇرۇلۇشى-- ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ھەر مىللەت دېھقانلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكىنى كەسپلەشتۈرۈش تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېن يۈجې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 400 مىليون يۈەن مەبلەغ جۇغلاپ، ئىسسىق شامالدا قاقلاپ گۈلە قۇرۇتۇش ئۆيى قۇرۇپ چىقىپ، يۈرۈشلەشكەن سۇغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇتۇلغاندىن كىيىنكى گۈلىنى زاپاس ساقلاش مەسىلىسنى ھەل قىلىدۇ. بۇ يىل، ئىسسىق شامالدا قاقلاپ گۈلە قۇرۇتۇش ئۆيى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش دائىرىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستقىچە كېڭەيتىلىدۇ. مۇشۇ تۈر ئارقىلىق يىلىغا يېڭىدىن ئاشقان مەھسۇلات قىممىتىنى 550 مىليون يۈەنگە يەتكۈزگىلى، يېزىلاردىكى ئېشىنچە ئەمگەكچىلەردىن 220 مىڭ ئادەم-قېتىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى ھەمدە 240 مىڭ ئائىلىلىكتىن ئارتۇق دېھقاننى بېيىش يولىغا يېتەكلىگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر