باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى: سۇبيېكت مەسئۇلىيەت قاتمۇ-قات ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، بۇ يىل ۋىلايەت، شەھەرلەرنىڭ 1-قول مەسئۇللىرى تۇتۇلىدۇ

2015.01.21 08:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 19-يانۋار تېلېگراممىسى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 19-يانۋار «پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» چاتما ماقالىسىنىڭ ئۈچىنچىسى «ئىسلاھ قىلىشتا تۈزۈلمە-مېخانىزملارنى ئۆزگەرتىش كېرەك» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى سۇبيېكت مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇشتا. سۇبيېكت مەسئۇلىيەتنى قاتمۇ-قات ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، بۇلتۇر مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، ئۆلكىلەرنىڭ 1-قول مەسئۇللىرى تۇتۇلدى، بۇ يىل ۋىلايەت، شەھەرلەرنىڭ 1-قول مەسئۇللىرى تۇتۇلىدۇ.

  ئىسلاھات قىلىش مۇقەررەر ھالدا ئىچكى قىسىمنى ئۆزگەرتىش، مەزمۇننى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتۇر، چوقۇم تۈزۈلمە، مېخانىزىملارنى ئۆزگەرتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەرەققىي قىلىشىنى چەكلەشتەك چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تۈزۈلمە-مېخانىزىمدىن ھەل قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارتىيە قائىدە-نىزاملىرىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا سۇبيېكت مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. پارتكوم شۇجىلىرى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتمىسا، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى قانچە قىلغىنى بىلەنمۇ ياخشى تۇتالمايدۇ؛ تارماقلاردىكى پارتگۇرۇپپا شۇجىلىرىنىڭ كارى بولمىسا، ئەۋەتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپا باشلىقى ھەر قانچە ئىقتىدارلىق بولسىمۇ رولى بولمايدۇ. سۇبيېكت مەسئۇلىيەتنى قاتمۇ-قات ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، بۇلتۇر مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، ئۆلكىلەرنىڭ 1-قول مەسئۇللىرى تۇتۇلدى، بۇ يىل ۋىلايەت، شەھەرلەرنىڭ 1-قول مەسئۇللىرى تۇتۇلىدۇ. ئۆلكىلىك پارتكوم ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، ۋىلايەت، شەھەرنىڭ پارتكوم شۇجىلىرىنى ياخشى باشقۇرغىلى بولىدۇ؛ شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، ناھىيىلىك پارتكوم ياخشى ئىش بېجىرەلەيدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش. دۆلىتىمىز بەكمۇ چوڭ، ھەر قانداق خىزمەتنى بىر قېتىمدىلا ئىزچىللاشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئاۋۋال ئۆز دەرىجىلىكتىن باشلاپ تۇتۇپ، ئاندىن كېيىنكى بىر دەرىجىنى تۇتۇش، دەرىجىمۇ-دەرىجە تۇتۇپ، بېسىمنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر