باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئۈچ دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەتنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ

2015.01.26 08:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسى مۇدىرلىرى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى، مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تەشكىلاتلىرى ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت باشقۇرۇش سەھنىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر-يېزا مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت باشقۇرۇش سەھنىسى قۇرۇلۇشىدىكى «تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇپ تېرەك بولۇش، ئادەم، مالىيە، ماددى كۈچ، كاپالەتتىن ئىبارەت تۆت تۈۋرۈك قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ ۋە كېڭەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھەر قايسى تەرەپ، ھەرقايسى قاتلاملاردىكى مەنپەئەت تەلىپىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىدىكەن ۋە ماسلاشتۇرىدىكەن.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تەشكىلاتلىرى ئاخىرىدا بىر تەرەپ قىلىش ۋە بېشىدا ئوڭشاشنى بىرلەشتۈرۈشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، خەلق ياراشتۇرۇش، مەمۇرىي ياراشتۇرۇش ۋە ئەدلىيە ياراشتۇرۇشى بىرلەشتۈرۈلگەن خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي ياراشتۇرۇش تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەل قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كەسپىي، جۇغراپىيىۋى ئىجتىمائىي خېيىم-خەتەر تۇغۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، جەمئىيەت ئامانلىقى مەسىلىسى گەۋدىلىك جايلار ۋە ئورۇنلارنى مەخسۇس تۈزەش قاتارلىق چارىلارنى قوللىنىپ، مۆھلەت بەلگىلەپ تۈزىتىش؛ يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىك، جەمئىيەت ئامانلىقىدىكى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشمەسلىك سەۋەبىدىن قانۇنغا خىلابلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھادىسىلىرى ئېغىر بولغان، جەمئىيەت تەرتىپى ئېغىر قالايمىقانلاشقان ياكى زور، پەۋقۇلئاددە زور دېلولار يۈز بەرگەن جايلارغا قانۇن بويىچە بىر ئاۋاز بىلەنلا ئىنكار قىلىش تۈزىمى يولغا قويىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر