خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- يانۋار، مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەك ھاكىميىتىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ 4 يىللىق خاتىرە كۈنى. شۇكۈنى، مىسىرنىڭ كۆپ قىسىم رايۇنلىرىدا كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتىلاپ، تۇقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، 11 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
سابىق زۇڭتۇڭ مورسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى شۇ كۈنى مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرە، ئىسكەندىرىيە، فايوم قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىكى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشىدا، ساقچى ۋە ئاھالىلەر بىلەن توقۇنىشقان، بەزى نامايىشچىلار قولغا ئېلىنغان.
مىسىرنىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇسى «ئېھرام گېزىتى» تورى مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، مىسىرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ئاز دىگەندە 11 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 30 ئادەمنىڭ يارىلىىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مىسىر دۆلەتلىك تېلۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ مىسىر سەھىيە مىنىستىرى ياردەمچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلغان خەۋىرىدە، 25- يانۋار، پۈتۈن مەملىكەت دائىرسىدىكى تۇقۇنۇش ئاز دىگەندە 15 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 35 ئادەمنى يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دېدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى