باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراقتىكى قوراللىق تۇقۇنۇش ۋە پارتىلتىش ھۇجۇمى 65 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 46 ئادەمنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

2015.01.26 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراقنىڭ كۆپ قىسىم رايۇنلىرىدا 25 – يانۋار قوراللىق تۇقۇنۇش ۋە پارتىلتىش ھۇجۇمى يۈز بەرگەن بولۇپ، جەمئىى 65 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 46 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  ئىراقنىڭ شەرقىدىكى دىيالا ئۆلكىسى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۇ كۈنى مۇخبىرغا، ئىراق ئارمىيسى ۋە شىئە مەزھىپىنىڭ خەلق ئەسكەرلىرى ئىراق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، بۇ ئۆلكىدىكى « ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق ئۇنسۇرلىرى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا پايتەخىت باغداتنىڭ شەرقى شىمالىدىكى تەخمىنەن 100 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ماغدادىيە شەھەر ئەتراپىدىكى 8 كەنتنى قايتۇرۋىلىپ، 35 قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىۋەتتى،دېدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر