باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيەنىڭ ئالىي ئەمەلدارى جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى

2015.01.26 08:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە زۇڭلى مەھكىمىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى لېگان يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى، مەن فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋالىسنىڭ پات ئارىدا جۇڭگودىكى زىيارىتىنىڭ مول نەتىجىلىك بولۇشىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ۋالىس 29-يانۋاردىن 31-يانۋارغىچە جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. لېگان مۇنداق دېدى: ۋالىس پات ئارىدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن مۇھىم سۆھبەتلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولىنى مۇزاكىرىلىشىدۇ. ۋالىس يەنە فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر