باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىسراتېگىيە تېزىسى»نى ماقۇللىدى

2015.01.26 08:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى تۈنۈگۈن يىغىن ئېچىپ، «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيە تېزىسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىغا قىلغان خىزمەت دوكلاتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى؛ 2014-يىلى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىستىل ياخشىلاش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشچان بولۇۋاتىدۇ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈز بەرمەكتە، ئىسلاھات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە چوڭقۇر تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر كۆپەيمەكتە، ئالدىن كۆرگىلى بولىدىغان ۋە ئالدىن كۆرۈش تەس بولغان بىخەتەرلىك جەھەتتىكى خەتەر ۋە خىرىسلار مىسلىسىز بولماقتا، شۇڭا كۈلپەت ئېڭىنى باشتىن-ئاخىر كۈچەيتىپ، خاتىرجەم شارائىتتا تۇرغاندا، خەۋپ-خەتەرنىمۇ ئويلاش كېرەك. «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيە تېزىسى»نى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش-دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغداشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى تېخىمۇ زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نۆۋەتتە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر ھەم مۈشكۈل. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرى ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە زېھنىنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ناتوغرا ئىستىلنىڭ قايتا ئەۋج ئېلىشىنى قەتئىي توسۇش؛ مىخلاش روھى بىلەن تۈزۈم ئىجراسىنى چىڭ تۇتۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا كۈتۈۋېلىش، ئىشخانا ئۆيلىرىنى ئىشلىتىش، يىغىن، كۇرس، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەتئەلگە چىقىش، رەھبىرى كادىرلارنىڭ تەمىناتى، كاتىپ سەپلەش، رەھبىرى كادىرلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش، دۆلەت كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ مائاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش؛ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، مەخسۇس تۈزەشنى يەنىمۇ قانات يايدۇرۇش، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تەربىيەلەش مەركىزى، شەخسىي ئارامخانا، ساناتورىيەلەرنى تېخىمۇ تەرتىپكە سېلىپ، ئۆلكە مەركەزلىرىدىكى شەھەرلەر ئىش بېجىرىش ئورگانلىرىنى ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قاتتىق تۇتۇپ، قانۇن ئىجراسى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق كۆزنەك كەسىپلەر ۋە ساھەلەردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق يىغىش، قىزىل بولاق ئېلىش، مال سېتىۋېلىش كارتىسى ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى داۋاملىق تۈزەپ، قالايمىقان سېلىق سېلىش، سېلىشتۇرۇپ باھالاش زىيادە كۆپ، قالايمىقان بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى داۋاملىق ھەل قىلىپ، ئومۇمنىڭ پۇلىغا يەپ ئىچىش، ئومۇمنىڭ پۇلىغا ساياھەتكە چىقىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش؛ رەھبەرلىك قاتلىمىدا تۆت ناتوغرا ئىستىلغا قارشى تۇرۇش، ئىستىل ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، بولۇپمۇ سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىگە ئەمەل قىلىش خىزمىتىنى مەركەزلىك چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆزلۈكسىز يېڭى ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر