باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇكەممەل قانۇن ئۆلچىمى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرەلەيلى

2015.01.26 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىللىق ئىزدىنىش ژۇرنىلىنىڭ 2-سانىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى شىشىنىڭ «مۇكەممەل قانۇن ئۆلچىمى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرەلەيلى» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭ قانۇن سىستېمىسى دەۋر ۋە ۋاقىتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكى، پارتىيەنىڭ ئومۇملۇقنى كۆزلەش، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ رەھبەرلىكىنى ماسلاشتۇرۇشتىكى يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇندا بېكىتىلگەن تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: قانۇن تۇرغۇزۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش- مۇكەممەل قانۇن ئۆلچىمى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. قانۇن بويىچە قانۇن تۇرغۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن تۇرغۇزۇش قانۇن نىزامىلىرىدا بەلگىلىگەن قانۇن تۇرغۇزۇش پىرىنسىپى ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇق چەكلىمىسى بويىچە، قانۇن، قانۇن- نىزام ۋە قائىدىلەرنى تۈزۈشكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تۈزۈلمە مېخانىزمى ۋە خىزمەت تەرتىپى جەھەتتە تارماق مەنپەئەتى ۋە يەرلىك ھامىيچىلىقنى قانۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتى بىر تۈرلۈك سىياسىيلىقى، ئەمەلىيەتچانلىقى، كەسىپچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك خىزمەت، يۇقىرى ساپالىق قانۇن تۇرغۇزۇش قوشۇنى- پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلارنى تۈزۈش، قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئاساسى تاكتىكىسىنى يولغا قويۇش، سوتسىيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر