باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراق زۇڭلىسى : تۆۋەن نېفىت باھاسى ئەسەبىي تەشكىلاتقا زەربە بېرىشكە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن

2015.01.26 09:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى خامموند ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررى بىلەن 22-يانۋار لوندوندا «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاق گۇرۇپپا يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئەنگلىيە ، ئامېرىكا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىراق قاتارلىق 21 دۆلەت ۋەكىل ئەۋەتىپ قاتناشتى. ئىراق زۇڭلىسى ئابادى مۇنداق دېدى: تۆۋەن نېفىت باھاسى كەلتۈرۈپ چىقارغان مالىيە قىيىنچىلىقى بەلكىم ئىراقنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

  خامموند مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى خەلقئارا ئىتتىپاق گۇرۇپپا يىغىنىدا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قۇرال كۈچى ئىشلەتمەي زەربە بېرىش يەنى ئۇلارنىڭ ئىقتىساد مەنبىينى ئۈزۈپ تاشلاش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەپ، چەتئەللىكلەرنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە كۈچ قوشۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر