باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى جۇڭ ئېلىمىزنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى توغرىسىدا توختالدى

2015.01.26 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى جۇڭ يېقىندا مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى- ئاساسى كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش، تۇغۇت قاتارلىق بەش چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كاپالەت تۈرى بىر قەدەر تولۇق. دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ئومۇمىي ھەق راسخوت نىسبىتى %40تىن ئاشىدۇ، ئومۇمەن بىر قەدەر يۇقىرى. كەلگۈسىدە ئومۇمىي جەھەتتە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ئومۇمىي ھەق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكى مۇۋاپىق يېنىكلىتىلىدۇ. «جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەق نىسبىتى يەر شارى بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ» دېگەن كۆز قاراشلارغا قارىتا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لى جۇڭ مۇنداق دېدى: ئۇنىۋېرسال ئاساسى كۈتۈنۈش، داۋالاش، ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش، تۇغۇتتىن ئىبارەت بەش چوڭ سۇغۇرتا تۈرىدە، ھازىر ئېلىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنىڭ ئومۇمىي ھەققى %40تىن ئاشتى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ نىسبىتى %30نى ئىگىلەيدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئومۇمىي ھەق نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى، ئەمما 1-خىل كۆز قاراش پۈتۈنلەي توغرا ئەمەس. لى جۇڭ ئېنىق ھالدا: ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەق نىسبىتى مۇۋاپىق ۋاقىتتا تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن، دۆلەت، ئىدارە، شەخسنىڭ يۈكى ئۈنۈملۈك تەڭپۇڭلاشتۇرۇلىدۇ، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر