باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

2015.01.26 16:20   مەنبە: خەلق تورى

شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ26 -يانۋار، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:24 -يانۋار چۈشتىن كېيىن،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.
شۆھرەت زاكىرنىڭ تەرجىمىھالى:
شۆھرەت زاكىر، ئەر، ئۇيغۇر، 1953-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ غۇلجا شەھىرىدىن، 1970-يىلى 12-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985-يىلى 6–ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سانائەت ئىقتىسادى فاكۇلتېتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان، ئالىي باشقۇرغۇچىلار بويىچە سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرى بولغان.
1970-يىلى 12-ئايدىن 1972-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ماناس ناھىيەسى بىلەن ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە قايتا تەربىيە ئالغان.
1972-يىلى 2-ئايدىن 1974-يىلى 2-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 32-باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋاقتلىق ئوقۇتقۇچى بولغان.
1974-يىلى 2-ئايدىن 1978-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ دىۋوپۇ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان.
1978-يىلى 3-ئايدىن1980-يىلى 6-ئايغىچە خۇبېي جياڭخەن نېفىت ئىنستىتۇتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغان.
1980-يىلى 6-ئايدىن 1984-يىلى 6-ئايغىچە شىنجاڭ نېفىت – يەر شارى فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىدا تېخنىك بولغان.
1984-يىلى 6-ئايدىن 1988-يىلى 5–ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ سانائەت باشقارمىسىدا مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان (1982-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇغان).
1988-يىلى 5-ئايدىن 1992-يىلى 11-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى سانائەت باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.
1992-يىلى 11-ئايدىن 1993-يىلى 8-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى سانائەت باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان.
1993-يىلى 8-ئايدىن 1997-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى تاشقى ئىقتىساد باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. (بۇمەزگىلدە 1994-يىلى 3-ئايدىن 1994-يىلى 5-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان).
1997-يىلى 2-ئايدىن 1997-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-سودا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە تاشقى ئىقتىساد باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛
1997-يىلى 7-ئايدىن 2000–يىلى7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-سودا كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر بولغان (1996-يىلى 8-ئايدىن 1998-يىلى 12-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە سىرتتىن ئوقۇغان.
1996-يىلى 12-ئايدىن 1998-يىلى 12-ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سانائەت ئىقتىسادى فاكۇلتېتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان).
2000-يىلى7-ئايدىن 2000-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – سودا كومىتېتى(دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا سانائىتى ئىشخانىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر بولغان.
2000-يىلى 12-ئايدىن 2001-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان.
2001-يىلى 3-ئايدىن 2005–يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرباشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە 2004-يىلى 3-ئايدىن 2005-يىلى 1-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان).
2005-يىلى 12-ئايدىن 2006-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.
2006-يىلى 1-ئايدىن 2008-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار بولغان (2003-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 3-ئايغىچە تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئوقۇغان، ئالىي باشقۇرغۇچىلار بويىچە سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن).
2008-يىلى 3-ئايدىن 2009–يىلى7-ئايغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش– قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار بولغان.
2009-يىلى 7-ئايدىن 2011-يىلى 6-ئايغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (قوشۇمچە) بولغان؛
2011-يىلى 6-ئايدىن 2013-يىلى 12-ئايغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك)، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلاربىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (قوشۇمچە) بولغان.
2013-يىلى 12-ئايدىن 2014-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛
2014-يىلى 1-ئايدىن 2014-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.
2014-يىلى 12-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مۇۋەققەت رەئىسى.
مەملىكەتلىك 10-، 11-، 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شىنجاڭ بىلەن ياردەم بەرگەن جايلار ئارىسىدا قول تۇتۇش ھەرىكىنى قانات يايدۇرىدۇ …
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن