باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئەسلەتمىسى

2015.01.26 10:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەسلەتمە:

  ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى 2014 - يىلى 20 - ئۆكتەبىردىن 23 - ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى جەزمەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركىسىزم - لېنىنىزم، ماۋزىدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ئىجتىمائىي باراۋەرلىك، ئادىللىقنى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى - مۇقىملىقىنى قوغداپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ باش نىشانى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇكەممەل قانۇن - تۈزۈم سىستېمىسى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش سىستېمىسى، قانۇن بويىچە قاتتىق نازارەت قىلىش سىستېمىسى، قانۇن بويىچە كۈچلۈك ئىدارە قىلىش كاپالىتى سىستېمىسىنى، مۇكەممەل بولغان پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن - بەلگىلىمە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئەدلىيە ئادىللىقى، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ باش نىشانغا يېتىشتە جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىدا، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە؛ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 8 - ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى 2014 - يىل 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يولداش جاڭ چۈنشيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىتىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  ئومۇمىي يىغىندا ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمىتىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى. ئومۇمىي يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «قارار» پارتىيەمىز تارىخىدىكى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تۇنجى مەخسۇس قارار، تېزدىن سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت ئومۇمىي يۆنىلىشىدىن ئېغىشماي، ئىستراتېگىيەلىككە، ئومۇمىيلىققا، ئۇزاق مۇددەتلىككە ئىگە مەسىلىلەرنى ئىدىيە، تۈزۈم جەھەتتىن پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يىراقنى كۆرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، دادىل، كەسكىن بولۇپ، غەيرەتكە كېلىپ، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىنىڭ يېڭى سەپىرىگە ئاتلىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي ھېمايىسى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ئالقىشىغا ئېرىشتى. شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيەنى ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىگە بولغان چوڭقۇر تونۇش بىلەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىش بىلەن، ھازىرقى ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتكە بولغان تەھلىل، ھۆكۈم بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاڭلىقلىق بىلەن ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ ئاڭلىق يوسۇندا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىگە قويۇپ ئويلاپ، پىلانلاپ ئىلگىرىلىتىشى كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىتىشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى −− بىرىنچى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تىنچ شىنجاڭ قۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ ئىلگىرىلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ ئىككىنچى، مۇھىتنى قانۇن بويىچە تۈزەش قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرىلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش؛ ئۈچىنچى، جەمئىيەتنى قانۇن بويىچە تۈزەش قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرىلىتىپ، جەمئىيەتنى قانۇن بويىچە تۈزەش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش؛ تۆتىنچى، مەۋقەنى رايون ئەھۋالىغا قويۇشتىن ئېغىشماي، يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش؛ بەشىنچى، مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتىن ئېغىشماي، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىش؛ ئالتىنچى، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتىن ئېغىشماي، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش؛ يەتتىنچى، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەشۋىقات - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئاشۇرۇش؛ سەككىزىنچى، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىتىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش؛ توققۇزىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك يارىتىشتىن ئىبارەت.

  ۋەكىللەر ساداسى:

  ۋەكىل، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئامانگۈل يۈسۈپ

  −قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسى ئوقۇشلۇقىنى باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قانۇن دەرسلىكى قىلىپ كىرگۈزۈش تەكلىپىنى ئۇدا بىر نەچچە يىل خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا بەرگەن ئىدىم. چۈنكى، بۇ تەكلىپ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى قانۇن تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى ئارقىسىدا چىقىرىلغان يەكۈن ئىدى. بۇ تەكلىپكە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلار: ئەگەر قانۇن- تۈزۈم تەربىيە ئوقۇشلۇقىنى باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قانۇن دەرسلىكى قىلىپ كىرگۈزۈلسە بالىلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ، ئالاقىدار قانۇنلارنى مەكتەپتىكى ھەر خىل پائالىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ تەشۋىق قىلساق بولىدۇ، دېگەن جاۋابنى بەرگەن ئىدى. كېيىن ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسىنى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇشلۇقىغا كىرگۈزۈش كېرەك، دېگەن تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇنداقلا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەلىپىمۇ مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. مانا بۈگۈن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتىمۇ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى 2015-يىلىدىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، شۇنداقلا قانۇننى تەشۋىق قىلىش، قانۇن تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كۆپ قېتىم تەكىتلىنىپتۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇننى بىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىشىنىڭ تەخىرسىز مەسىلە ئىكەنلىكى تونۇپ يېتىلىپتۇ ھەم ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتتىن قانۇننى بىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى ھۆرمەت قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداش ۋە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش تەلەپ قىلىنىپتۇ.

  بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى خۇشاللىنارلىق نەتىجە بولدى،-دېدى ئامانگۈل يۈسۈپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا تېررورلۇق، زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى، ئەشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمى ياشلاردۇر. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، قانۇندىن قىلچىلىكمۇ خەۋىرى يوق، شۇنداقلا دىنغا دائىر بىلىملەرنىمۇ تولۇق ھەم توغرا بىلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار كىچىكىدىن قانۇن ئېڭى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىغان. ئەمەلىيەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇۋاتقىنىمىزغا 25 يىل بولدى، بۇ يىل 6- بەش يىللىق قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تۈگەيدۇ. گەرچە ئۇزاق يىللاردىن بۇيان قانۇن تەشۋىقاتىنى داۋاملىق ئېلىپ بارغان بولساقمۇ، بىر قىسىم ياشلىرىمىز يەنىلا قانۇندىن بىخەۋەر يۈرمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىر دۆلىتىمىزدە 400 دىن ئارتۇق قانۇن بار، شۇنداقلا ئالاقىدار نىزاملارمۇ كۆپ، مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ياشلارنىڭ قانۇن ئېڭى نېمىشقا تۆۋەن؟ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە قانۇنغا دائىر ئوقۇشلۇق بولمىغاچقا، بۇلاردا كىچىكىدىن قانۇن ئېڭىنىڭ تۇرغۇزۇلمىغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىر قىسىم بالىلار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تولۇقسىز ياكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە چىقىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىنلا قانۇن ئېڭى سۇس بولغاچقا ئاسانلا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلىش بىلەن بىللە، دىن ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى تېز ئۇچراپ، ئاسانلا يولدىن ئېزىۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز بالىلىرىمىزنىڭ «قانۇن قارىغۇسى»بولۇپ قېلىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك.

  ۋەكىل، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى بارىن يېزىسى يۇقۇرقى قېچىچى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئوسمان تەۋەككۈل مۇنداق دېدى:

  ـــ پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلقنىڭ قەلبىدىكى سۆز قىلىندى. مەسىلەن ئاپتونوم رايوندا جۈملىدىن بىزنىڭ كەنتىمىزدە قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغىنىغا 25 يىل بولغان، قانۇن ئېڭى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن كەنتىمىزدە 25 يىلدىن بۇيان بىرمۇ قانۇنسىزلىق قىلمىشى ، دەرىجە ئاتلاپ يۇقىرىغا ئەرىز سۇنىدىغان، ناھەقچىلىق ئىشلىرى ھازىرغىچە يۈز بېرىپ باقمىدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا قانۇن ئۆگەنگەندە، قانۇن ئارقىلىق ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدىغاندا، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە خەلق كۆڭلىنىڭ ئەمىن تاپىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. كەنتلەردە قانۇن بويىچە كەنت باشقۇرۇش، قانۇن مويىچە مەمۇرىيەت يەتكۈزۈش، خەلقگە قانۇننى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئائىلىلەرنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، قانۇنسىزلىققا يول قويۇلمىغاندا ئەمىن، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ تېزلەتكىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا يەنىلا قانۇن ئېڭىنىڭ كۈچەيتىلىشى، قانۇن تەشۋىقاتىنىڭ كۈچەپ ئېلىپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ دەپ قارايمەن.

  ۋەكىل، قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ناھىيەلىك ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، كوناشەھەر چوڭ جامەسىنىڭ ئىمام، خاتىپى ياسىن ئەلى مۇنداق دېدى:

  ـــ قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە 10 مىڭغا يېقىن دىنىي پائالىيەت سورۇنى، 11 مىڭغا يېقىن دىنىي زاتلار بار، يەكەن ۋىلايىتى بولسا قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە نوپۇس ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنى، دىنىي زاتلار ئەڭ كۆپ ئورۇن، دىنىي ئېتىقاد بىرقەدەر مۇرەككەپ ئورۇننىڭ بىرى. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا دىننىمۇ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كېرەك. بۇنىڭدا دىننى بۇرمىلايدىغان، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلارغا، دىنىي تونغا ئورۇنىۋېلىپ قانۇنسىزلىق قىلغانلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش كېرەك. دىنىي زاتلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرى قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ھەرقېتىملىق جۈمە نامىزى، مېيت نامىزى، ھېيت ئايەملەردە قانۇننى تەشۋىق قىلىدىغان، دىنغا ئېتىقاتچى ئاممىنى قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشكە، قانۇنغا بويسۇنۇپ، قانۇن بويىچە ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئۈندەيدىغان، نېمىنىڭ قانۇنسىزلىق، نېمىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى توغرا ئايرىيالايدىغان بولۇشنى تەشۋىق قىلىدىغان، ئىسلام دىنىدىكى ياخشى ئىبارىلەر بىلەن توغرا ئىشلارنى قىلىشنى تەشۋىق قىلىدىغان، بۇ ئارقىلىق ئاممىنى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرىدىغان، مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەپ، خولۇم – قوشنىلار ئارا ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان، پاكىزلىقنى، ئۆزئارا كۆيۈنۈش، ياردەم قىلىشنى تەكىتلەيدىغان بولۇشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن.

  ۋەكىل، خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى قارقىي يېزىسى مەكىت كەنتىدىن گۈزەلخان ئەمەر مۇنداق دېدى: −

  ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 8 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، قانۇننىڭ ھۈرمىتى تېخىمۇ ئۆستۈرۈلدى. مېنىڭچە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسى قۇرۇلۇشى مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلسە. يەنى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئوقۇش مەزگىلىدە قانۇن بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئاساس سېلىنسا. بۇنداق بولغاندا پۈتۈن جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا قانۇنغا تايىنىدىغان، ئىش بېجىرگەندە قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىدىغان، مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلغاندا قانۇندىن پايدىلىنىشنى بىلىدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، جەمئىيەتتە قانۇننى تەشۋىق قىلىش قانۇن ئورۇنلىرىنىڭلا ۋەزىپىسى ئەمەس، ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتى. مەسىلەن، «يەر باشقۇرۇش قانۇنى»نى يەر باشقۇرۇش ئورۇنلىرى پىششىق بىلىدۇ، شۇڭا شۇلار پائال تەشۋىق قىلسا؛ پىلانلىق تۇغۇتقا دائىر قانۇن-تۈزۈملەرنى پىلانلىق تۇغۇت ئورۇنلىرى تەشۋىق قىلسا؛ «تويلىشىش قانۇنى»نى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تەشۋىق قىلسا تامامەن بولىدۇ. مۇشۇنداق كەيپىيات شەكىللەنگەندە، قانۇن تەشۋىقاتى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىگىلى، پۈتۈن جەمئىيەتتە قانۇن بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئادەم، مۇناسىۋەتسىز كوللېكتىپ، مۇناسىۋەتسىز ئورگان بولماسلىقتەك مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، ئۆز نۆۋىتىدە قانۇننى تەشۋىق قىلىش مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ئاساسى. شۇڭا، ھەممەيلەن قانۇننى تەشۋىق قىلىشنى ئۆزىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ بىلىدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. مۇشۇ نىشانغا يېتەلىسەكلا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلغىش نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ.

  مۇتەخەسىس ئاۋازى:

  ۋەكىل، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنچىلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، شىنجاڭ «قوشتىل» ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى ئالىم رېقىپ

  ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش رەسمىي تۈردە پارتىيەنىڭ قارارى قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ج ك پ تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق ئىش. شۇنداقلا بۇ دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىي تېما قىلىندى، ئىقتىسادىي بازا جەھەتتە ئىسلاھاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە قارار چىقىرىلغان بولسا، 4 – ئومۇمىي يىغىندا دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدە بىر يول، نىشان كۆرسىتىلدى.

  ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن پارتىيىمىز نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، قارارنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. مەسىلەن ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان «يولۋاسقىمۇ، چىۋىنگىمۇ تەڭ زەربە بېرىش» سىياسىتى بۇنىڭ نەق ئەمەلىي مىسالىدۇر. چىرىكلىككە، قانۇنسىزلىققا قاتتىق زەربە بېرىش كۆرىشىدە ئەينى چاغلاردىكى چوڭ – چوڭ ئەمەلدارلاردىن تارتىپ، كىچىك ئەمەلدارلارغىچە قىلمىشىغا قاراپ جازا كۆرۈلدى. ئۇلارنىڭ دېلولىرى ھەممە ئادەمگە ئاشكارىلاندى. خەلق ئاممىسى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قارارىنى ئەمەلىيەتتە كۆردى. پارتىيىمىزنىڭ ئامما ئالدىدا ئۆز ئىچىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنىڭ بارلىقىنى دادىل ھالدا ئاشكارىلىشىنىڭ ئۆزىمۇ بىر جۈرئەت قىلىش ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيىگە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ كۈچەيدى. پارتىيەنىڭ بۇ جەھەتتە ئۆزىدىكى پارازىتلارنى تېپىپ چىقالىغانلىقى پارتىيەنىڭ نەقەدەر ھاياتىي كۈچگە تولغان، ئۈمىدۋار پارتىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئىچكى موڭغۇلدا سەككىز يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن دېلودا ناھەق ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن خۇگجىلتۇ دېلوسىنى قايتىدىن قاراپ چىقىپ، ئۇنى پۈتكۈل مېدىيالاردا ئېلان قىلىپ، قانۇن بويىچە دېلو بېجىرمىگەن ج خ ئىدارىسى باشلىقىنى قولغا ئالغانلىقىنى، خۇگجىلتۇغا دۆلەت تۆلىمى تۆلىگەنلىكىنى، بۇرۇن مۇشۇنداق خاتا دېلولارنى ئىشلىگەنلىكىنى ئاممىغا ئاشكارىلىشى پارتىيەنىڭ قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش نىيىتىنىڭ نەقەدەر قەتئىيلىكىنى، ھەرقانداق ئىشنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىملىقىنى، خاتا بېجىرىلگەن دېلولارنىڭ بۇندىن كېيىن يۈز بېرىشىگە يول قويمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىرادىسىنى بىلدۈردى.قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھەققىدە 4 – ئومۇمىي يىغىننىڭ 3 – مەزمۇنىدا قانۇن ئارقىلىق مەمۇرىيەت ئېلىپ بېرىش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە بىر ئېغىر ۋەزىپە چۈشۈرۈلدى. بۇرۇن بەزى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىش بېجىرگەندە ئۆز خىيالى، خاھىشى بويىچە ئىش بېجىرىشى يوق ئەمەس ئىدى، بۇندىن كېيىن ھوقۇق تۈزۈلمىدىن ئىبارەت «قەپەز» ئىچىدە تۇرۇپ قانۇن بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش شاھمات تاختىسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايمەن. مېنىڭچە بۇ بىر ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، بۇ ھەرگىزمۇ بىرلا قانۇن ۋە ئەدلىيەگىلا چېتىشلىق بولۇپ قالماستىن ھەممە ئىشلارغا جۈملىدىن مەمۇرىي ئىشلار، مائارىپ ئىشلىرى، يېزىلاردىكى دېھقانچىلىق ۋاھاكازا ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھەردەرىجىلىك مەمۇرىيەت ئورۇنلىرىمۇ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت ئېلىپ بېرىشنى چۈشەندۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر