باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىلىي كومىتېتى قۇرۇلدى(1)

جاڭ چۈنشيەن ليۇ پېڭ بىلەن كۆرۈشتى، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتى قۇرۇلدى

2015.01.26 13:36   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىلىي كومىتېتى قۇرۇلدى(1)

  13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىلىي ھەيئىتى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە يولداشلاردىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، بۇ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش، مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلىدىغان، مۇسابىقىنى تەشكىللەيدىغان، ماسلاشتۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ۋاقىتلىق مەخسۇس ئاپپاراتتۇر.

  مۇسابىقە تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى ليۇ پېڭ دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىگە ۋاكالىتەن مۇسابىقە تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەپ، مۇسابىقە تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە تەشكىللەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى شۆھرەت زاكىر قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھازىر قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە بىر يىللا ۋاقىت قالدى، ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار رايونلار ۋە تارماقلارنىڭ مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، مۇسابىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2016 - يىلى 1 - ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىلىي ھەيئىتى 21 - يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى. بۇ، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى، مۇسابىقىگە بىر يىل قالغانلىقىنى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 20 - يانۋار كەچتە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ليۇ پېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شەرقىي شىمالدا ئۆتكۈزۈلۈشتىن تۇنجى قېتىم غەربىي شىمالدا ئۆتكۈزۈلۈشكە يۈزلىنىپ، كېلەر يىلى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى. بۇ، شىنجاڭنىڭ مەملىكەتلىك ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بىرىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈشى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر مۇسابىقە سورۇن - ساراي، يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى يۇقىرى پەللىدىن يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇلماقتا ۋە تەڭشەلمەكتە. شىنجاڭ مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، ماھارەت تەنتەربىيەسى، ئىجتىمائىي تەنتەربىيە ئىشلىرى يېتەرلىك ئىلگىرىلىدى، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار، رېپېرلار ئۆسۈپ يېتىلدى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، شىنجاڭغا تەنتەربىيەدە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى : غەربنىڭ قىممەت قارشىنى تارقىتىدىغان دەرسلىك ماتېرىياللارنى دەرسخانىغا كىرگۈز…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى مەكتەپ پۇتبولچىلىقى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى  يۈەن گۇيرېن گۇرۇپپا باش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شىنجاڭ بىلەن ياردەم بەرگەن جايلار ئارىسىدا قول تۇتۇش ھەرىكىنى قانات يايدۇرىدۇ …
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى