باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋان ئارمىيەسى ئەسەبىي تەشكىلات بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلدى

2015.01.26 08:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋان ئارمىيەسى تۈنۈگۈن شەرقدىكى رايوندا ئەسەبىي تەشكىلات «قوللاش فىرونتى » قوراللىق ئۇنسۇرلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىپ، نۇرغۇن قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىۋەتتى. لىۋان ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «قوللاش فىرونتى» قوراللىقلىرى شۇ كۈنى سەھەردە لىۋاننىڭ شەرقىدىكى سۇرىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان بائالبېك رايونىدىكى لىۋان ئارمىيەسىنىڭ بىر قاراۋۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان، لىۋان ئارمىيەسى ئارقىدىن بۇ رايونغا ئەسكەر كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ قايتۇرما زەربە بەرگەن، ئىككى تەرەپ شىددەتلىك جەڭ قىلغان. لىۋان ئارمىيەسى راكېتامىيۇت ۋە توپ ئاتقان ھەمدە قوراللىق تىك ئۇچار چىقىرىپ زەربە بەرگەن. بىر قانچە سائەت شىددەتلىك جەڭدىن كېيىن، لىۋان ئارمىيەسى قوراللىق ئۇنسۇرلار بىر مەھەل ئىگىلىۋالغان رايونلارنى قايتۇرۇۋالغان، نۇرغۇن قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىۋەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر