باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ 7-قېتىملىق سۆزلىشىشى-يىپەك يولى ئېنېرگىيە مۇنبىرى» ئۆتكۈزۈلدى

2015.01.26 08:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭخۇا ئېنېرگىيە فوندى كومىتېتى تۈنۈگۈن شياڭگاڭدا «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ 7-قېتىملىق سۆزلىشىشى-يىپەك يولى ئېنېرگىيە مۇنبىرى» نى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو ۋە ئامېرىكىلىق 20 گە يېقىن مۇتەخەسسىس ۋە ئالىم، ھىندۇنېزىيە، ياپونىيەدىن كەلگەن ئېنېرگىيە ئالىملىرى ئاسىيانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، ئېنېرگىيە يېڭى قېلىپىدىكى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق، خەلقئارا نېفىت باھاسى ۋە جۇغراپىيىۋى سىياسىي مۇناسىۋەت قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  جۇڭخۇا ئېنېرگىيە فوندى كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى خې جىپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆزلىشىشىدە «ئاسىيانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى ھەمكارلىقى: پۇرسەت ۋە خىرىس» باش تېما قىلىندى، بۇ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قانداق قىلىپ تېخىمۇ قويۇق بولغان دىپلوماتىيە، ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشىغا دىققەت قىلىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى بىرلىكتە قوغداپ، ئاسىيادىكى ئېنېرگىيە ئېستىمال قىلىدىغان دۆلەتلەرنى دۇنيا ئېنېرگىيە تەرتىپىدە سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر