باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ھادىسە بىر تەرەپ قىلىشتىكى ‹‹يېڭى ئەسلىھەلىرى››

2015.01.26 13:25         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  22-يانۋار قولايلىق، قاتلىغىلى بولىدىغان، ئۇزىراپ قىسقىرالايدىغان رىشاتكا تۇنجى قېتىم ئايرودۇرۇم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا نامايان بولدى، بۇ قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتىگە سەپلەپ بېرىلگەن يېڭى تىپتىكى ئەسلىھەلەر ئىچىدە يەنە ‹‹يېقىلماس سىلىندىر›› بولۇپ، بۇلار بۇنىڭدىن كېيىن قاتناش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، كېچىدە تەكشۈرۈش ھەمدە ناچار ھاۋارايىدىكى يول ئاگاھلاندۇرۇشى قاتارلىقلاردا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدىكەن.

  22 - يانۋار چۈشتىن كېيىن ئايرودۇرۇم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى دىۋوپۇ ھەق ئېلىش پونكىتىدا يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتىدىكى ساقچىلار ھادىسە نەق مەيدانىنى تەقلىد قىلىپ، يېڭى ئەسلىھەلەرنىڭ ئىقتىدارىنى سىناق قىلدى: ئۇلار ھادىسە نەق مەيدانىغا 200 مېتىر كېلىدىغان ئورۇنغا ‹‹يېقىلماس سىلىندىر››، 150 مېتىر كېلىدىغان ئورۇنغا قولايلىق رىشاتكا، 50 مېتىر كېلىدىغان ئورۇنغا يەنە ‹‹يېقىلماس سىلىندىر›› قويغان. بىر ‹‹چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى›› ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ بىرىنچى ‹‹يېقىلماس سىلىندىر›› نىڭ يېنىغا كەلگەندە، سىلىندىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قاتناش ساقچىسى يېنىدىكى ۋە ساقچى ماشىنىسىدىكى گۈدۈكلەردىن ئاۋاز چىقىشقا باشلىغان. بۇ ئاپتوموبىل قولايلىق رىشاتكىنىڭ يېنىغا كەلگەندە سىگنال ئاۋازى يەنە ئاڭلانغان، بۇ ۋاقىتتا ‹‹چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى›› تامامەن سەگەك بولۇپ، دەرھال تورمۇز تۇتقان، ھادىسە بىر تەرەپ قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى ۋە ھادىسىدىكى ئاممىمۇ يېتەرلىك ۋاقىتتا رىشاتكا سىرتىغا ‹‹يۆتكىۋېتىلگەن››، بۇنىڭ بىلەن يوشۇرۇن خەۋپ زور دەرىجىدە ئازايتىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر