باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ۋېيپىنخۇي» تورىدىكى تاۋارلارنىڭ قولىمىزغا بىر كۈندىلا تېگىشىدىن ئۈمىد تۇغۇلدى

2015.01.26 13:51         مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون بۇ يىل «ۋېيپىنخۇي»، «ئەلى بابا»، «جيۇجېڭ كېجى» قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنى شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا باغچە رايونىغا كىرگۈزۈشكە تىرىشىدۇ ھەمدە ئىسكىلات، ماددىي ئەشيا ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تورداشلار بۇ ئېلېكتىرونلۇق سۇپىلاردىن نەرسە - كېرەك سېتىۋالسا، ئاپتونوم رايونىمىزدىلا مال تارقىتىدىغان بولغاچقا، بىر كۈندىلا يەتكۈزۈپ بېرىلىشتىن ئۈمىد تۇغۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۈرۈمچى ۋەكىللىرى ئۆمىكىنىڭ گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىرى خې يىمىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىيات تەپەككۇرىنى تونۇشتۇردى.

  خې يىمىڭ مۇنداق دېدى: «ۋېيپىنخۇي تورىنى مىسالغا ئالساق، بۇلتۇر بۇ توردىكى تاۋارلارنىڭ شىنجاڭدىكى پارچە سېتىلىش سوممىسى 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سېتىلىش سوممىسىنىڭ 2.8% ىنى ئىگىلىگەن، گەرچە ئىگىلىگەن نىسبىتى چوڭ بولسىمۇ، لېكىن بۇ توردىكى تاۋارلارنىڭ ئىسكىلاتى چېڭدۇ قاتارلىق جايلارغا جايلاشقانلىقتىن، شىنجاڭدىكى پارچە سېتىلىش سوممىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنداقلا بۇ تور بېتىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر