باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ‹‹يەرئاستى سەددىچىن سېپىلى›› قايتىدىن ‹‹ھاياتلىققا ئېرىشتى››

2015.01.26 13:28         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ بەش يىل تىرىشىشى نەتىجىسىدە، كارىزدىن ئىبارەت قەدىمىي يەر ئاستى سۇ يولىنىڭ توسۇلۇپ قالغان قىسىملىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك راۋانلاشتۇرۇلدى، ھازىرغىچە 100دىن ئارتۇق كارىز قايتىدىن ‹‹ھاياتلىققا ئېرىشتى››.

  كارىز قەدىمىي يەر ئاستى سۇ قۇرۇلۇشى بولۇپ، سەددىچىن سېپىلى ۋە بۈيۈك قانال بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان جۇڭگودىكى قەدىمىي ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ ھەم ھازىرغىچە پايدىلىنىۋاتقان يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت مىراسى. لېكىن 2009 - يىلى مەملىكەتلىك 3 - قېتىملىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە يەر ئاستى سۇ ئورنىنىڭ تۆۋەنلىشى، توڭلاش - ئېرىشنىڭ ئالمىشىشى، ئاپتوموبىللارنىڭ ئېغىر بېسىمى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن، تۇرپان ئويمانلىقىدىكى 1108 كارىزنىڭ 278 دىن باشقىلىرىدا سۇ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى بايقالغان.

  بۇ ‹‹يەر ئاستى سەددىچىن سېپىلى››نى قوغداش ئۈچۈن، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارماقلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن كارىزلارنى رېمونت قىلىش 2009 - يىلىنىڭ ئاخىرى ئاۋۋال تۇرپان ۋىلايىتىدە باشلاندى. ھازىرغىچە تۇرپان ۋىلايىتىدە كارىزلارنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى تۆت قېتىم ئېلىپ بېرىلىپ، جەمئىي 45 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، 108 كارىز مۇستەھكەملەندى. تۆتىنچى قېتىم رېمونت قىلىنغاندا جەمئىي 18 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كارىز رېمونت قىلىنىپ، لاي - لاتقىسى تازىلىنىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق كارىز ئېغىزى مۇستەھكەملىنىپ، خارابىلىكلەر ياخشى قوغدىلىنىپ، كارىزلارنى ساقلاپ قېلىشقا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىندى.

  تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ چياڭ مۇنداق دېدى: رېمونت قىلىش ۋە مۇستەھكەملەش ئارقىلىق، كارىز سۈيى ئومۇميۈزلۈك %30تىن %60 كىچە كۆپەيدى.

  تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر تۇرپان ۋىلايىتى بەشىنچى قېتىملىق قۇرۇلۇشنى باشلاپ، 15 كارىزنى مۇستەھكەملەشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر