باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن ئوتتۇرا مەزگىللىك مالىيە پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرنى تارقاتتى

2015.01.26 08:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېقىندا ئوتتۇرا مەزگىللىك مالىيە پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرنى تارقىتىپ، زامانىۋى مالىيە تۈزۈمى ئورنىتىشنى تىزلىتىش، خامچوت باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشنى ياخشىلاش، ئوتتۇرا مەزگىللىك مالىيە پىلانىنى باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئىچكى تاشقى مۇھىت مۇرەككەپ بولۇش ۋەزىيىتىگە يولۇقماقتا. مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىمۇ بىر قەدەر كۆپ خىرىسقا يولۇقماقتا. ئوتتۇرا مەزگىللىك مالىيە پىلانىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشتا مالىيە تارماقلىرى ھەر قايسى تارماقلار بىلەن ئۈچ يىللىق ئايلانما مالىيە پىلانىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدىكى زور مالىيە كىرىم چىقىم ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىدۇ. پىلان مەزگىلىدە قىسمەن زور ئىسلاھات،مۇھىم سىياسەت ۋە زور تۈرلەرگە قارىتا سىياسەتنىڭ نىشانى، ھەرىكەت مېخانىزمى ۋە باھالاش چارىسى تەتقىق قىلىنىدۇ. ئايلانما باشقۇرۇشنى يىلمۇ يىل يېڭىلاش ئارقىلىق، مالىيە پىلانىنىڭ يىللىق خامچوتقا بولغان چەكلىمىلىكنى كۈچەيتىش مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، مالىيەنىڭ فۇنكسىيىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  پىكىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئوتتۇرا مەزگىللىك مالىيە پىلانى ئوتتۇرا مەزگىللىك خامچوتنىڭ ئۆتكۈنچى ھالىتى بولۇپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىق فوند خامچوتى،دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خامچوتى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى خامچوتىغا مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئاساسلىقى ھازىرقى سىياسەت ئاستىدا مالىيە كىرىم چىقىمىنى مۆلچەرلەش،ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان مالىيە كىرىم چىقىمى سىياسىتى مەسىلىسىنى تەھلىل قىلىش، مالىيە كىرىم چىقىم سىياسىتى ئىسلاھات لايىھىسىنى تۈزۈش، ئىسلاھاتتىن كېيىنكى مالىيە كىرىم چىقىم ئەھۋالىنى مۆلچەرلەش ھەمدە ئۇنىۋېرسال تەڭشەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ۋە تارماقلار دۆلەتنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئوتتۇرا مەزگىللىك مالىيە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ماسلاشتۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئوتتۇرا مەزگىللىك مالىيە پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشقۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇش لازىم.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر