خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ23 -يانۋار، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:22-يانۋار، تيەنجىن شەھەرلىك دىنامىكىلىق پويىز يولۇچىلار ئۇچاستكىسىنىڭ ئىشچىلىرى ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزغا ئالاقە سىمى كۆچۈرۈش خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولماقتا.جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرشىچە،پويىز بېلىتى ئالدىن سېتىش ۋاقتى تەڭشەلگەندىن كېيىن بازارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياج ئەھۋالىغا قارىتا،چاغانلىق توشۇش مەزگىلدە جەمئىي 560 جۈپ پويىز ۋاقىتلىق كۆپەيتىلىدىكەن. چاغانلىق توشۇش مەزگىلىدىكى ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنى تەڭشەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ،تيەنجىن شەھەرلىك دىنامىكىلىق پويىز يولۇچىلار ئۇچاستكىسى گۇرۇپپىلارغا ئايرىلغان چاغانلىق توشۇش مەزگىلدىكى ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزنى تەكشۈرۈپ، ھەر خىل يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان كاشىلىلارنى يوقىتىپ، يولۇچىلارنىڭ چاغانلىق توشۇش مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى (ياڭ باۋسېن فوتوسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى