باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللانىڭ ۋاپاتى قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

2015.01.26 08:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللا شۇ جاي ۋاقتى 23-يانۋار سەھەردە كېسەل سەۋەبى بىلەن 90 يېشىدا ۋاپات بولدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ناھايىتى مۇھىم تەسىرگە ئىگە، ئۇنداقتا بۇ دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولغان ئابدۇللا زادى قانداق ئادەم ئىدى؟ ئۇنىڭ ۋاپاتى رايون ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە قانداق ئىنكاس قوزغىدى؟ ئابدۇللادىن كېيىنكى دەۋردىكى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىچكى، تاشقى سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولامدۇ-يوق؟

  پادىشاھ ئابدۇللا يۇقىرى ئابرويغا ئىگە، نوپۇزى بار شۇنداقلا ئاممىغا يېقىن تۇرىدىغان شەخس ئىدى، ئوتتۇرا شەرق رايونى، ئەرەب دۇنياسى ھەم ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى بىر مۇھىم ھۆكۈمران ئىدى.

  پادىشاھ ئابدۇللا 2002-يىلى ئەرەب-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىدىغان تىنچلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ تەشەببۇس شۇ يىلى ئەرەب ئەللىرى باشلىقلىرى يىغىنىدىكى ھەل قىلغۇچ تەشەببۇسقا ئايلانغان. 2005-يىلى پادىشاھ ئابدۇللا ئىراقتىكى ھەر قايسى گۇرۇھلارنى ياراشتۇرۇشقا مۇرەسسە قىلدى ھەم ئاخىرىدا ئىراقتىكى ھەر قايسى گۇرۇھلار مەملىكەتلىك يارىشىش يىغىنى ئېچىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇ يەنە سۇرىيە بىلەن لىۋاننىڭ ماجىراسىنى پەسەيتىش، ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناقلىقىنى قوغداش، رايون بىخەتەرلىكى ھەم مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. بۇندىن باشقا، ئۇ يەنە كۆپ قېتىم خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۇھىم سورۇنلاردا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  پادىشاھ ئابدۇللا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 10 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، دۆلەتنىڭ نۇرغۇن نېفىت كىرىمىنى مائارىپ، داۋالاش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆي قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىگە ئىشلىتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. ئۇ ئاممىنىڭ دەرد-ئەلەملىرى ھەم ئىشسىز ياشلارغا كۆڭۈل بۆلدى، ئارقىدا قالغان، قىيىنچىلىقى بار بىر قىسىم جايلاردىكى ئاممىنى غەمدىن خالاس قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا دائىم شەخسىي ياردەم بېرىپ، «مېھرىبان پادىشاھ» دېگەن نامغا سازاۋەر بولدى.

  بۇندىن باشقا، ئۇ يەنە ئاپەتكە ئۇچرىغان بىر قىسىم دۆلەت، رايون ياكى شەخسلەرگە دائىم سېخىيلىق بىلەن ياردەم بەردى. ھىندى ئوكياندىكى دېڭىز تاشقىنى، جۇڭگونىڭ ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش، پاكىستاندىكى يەر تەۋرەش، ماراكەشتىكى يەر تەۋرەش، ئىراندىكى يەر تەۋرەشتە، ئۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە ياردەم بەردى.

  ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى پادىشاھ ئابدۇللانىڭ ۋاپاتىغا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، نۇرغۇن ئەرەب دۆلەتلىرى دۆلەت تەزىيە كۈنى تەسىس قىلىپ، «ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى بۇ ئۇلۇغ شەخس»كە تەزىيە بىلدۈرۈشنى قارار قىلدى.

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ زۇڭتۇڭى خەلىفە ئابدۇللا-ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ دۆلىتى ۋە خەلقىگە غايەت زور تۆھپە قوشتى دەپ قارىدى. مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭى پادىشاھ سالمان چوقۇم مەرھۇم پادىشاھنىڭ ئورۇنلاپ بولالمىغان ئىشلىرىنى ئورۇنلاپ، ئەرەب ۋە ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ تەرەققىياتى، ئەرەب مىللىتىنى داۋاملىق گۈللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشىدۇ دەپ قارىدى. پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس پەلەستىن ئابدۇللانىڭ پەلەستىننىڭ ئىشلىرىنى قوللىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ دېدى.

ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى رىۋلىن پادىشاھ ئابدۇللا ئەستايىدىل ئىش قىلىدىغان، ئەتراپلىق ئويلايدىغان، مەسئۇلىيەتچان رەھبەر، ھۆكۈمدار ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ پاراسەتلىك سىياسىتى بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى دەپ ماختىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پېرىس ئابدۇللانىڭ ۋاپاتى-ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن يوقىتىش بولدى دەپ قارىدى.

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېڭى پادىشاھى سالمانغا يوللىغان تەزىيە تېلىگراممىسىدا مۇنداق دېدى: پادىشاھ ئابدۇللا جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، ئۇ جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىستراتېگيەلىك دوستلۇق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىۋى بان كىمون بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئابدۇللا ئەرەپ تىنچلىق تەشەببۇسىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۇردى، ئۇ قالدۇرغان بۇ مىراس ھازىرغىچە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقى ئۈچۈن چىقىش يولى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئابدۇللانىڭ دادىل تەدبىر قوللىنىپ، ئەرەپ تىنچىلىق تەشەببۇسىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى، ئۇنىڭ ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا رايونلارنىڭ مۇقىملىقى بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان كۈچكە ئايلاندۇرغانلىقىنى ماختىدى.

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئابدۇللانىڭ سىياسىيون بولۇش سۈپىتى بىلەن قىلغان ئىش ھەرىكەتلىرى سەئۇدىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەقتە بىرلىككە كەلگەن ئادىل ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىققا بولغان قارىشىنىڭ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھى ئابدۇللا تۈنۈگۈن سەھەردە قازا قىلدى، ئۇنىڭ ئورنىغا شاھزادە سالمان ۋارىسلىق قىلدى، سالمان پادىشاھلىق تەختىگە چىققاندىن كېيىن تۇنجى ئېلان قىلغان سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، داۋاملق پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئىز باسارلىرى ئاچقان يولنى بويلاپ ماڭىدۇ.

سالمان 2012-يىلى ئابدۇللا تەرىپىدىن تەخت ۋارىسى قوشۇمچە مۇئاۋىن باش ۋەزىر ۋە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن، شۇنىڭ كېيىنكى ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئۇ ئابدۇللانىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى ساداقەتمەنلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، ئابدۇللا ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن دۆلەتنىڭ سىياسى ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ كەلدى، شۇڭا سىرتقى ساھەدىكىلەر: ئابدۇللادىن كېيىنكى دەۋرىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ دەپ قارىدى.

ئىچكى سىياسەتتە سالمان ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ، مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ ئۆي، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۇل ئەسلىھە ساھەسىگە زور مەبلەغ سېلىپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، خەلق تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېررورلۇققا قەتئىي زەربە بېرىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ، سىرتقا قارىتىلغان سىياسەتتە سەئۇدى داۋاملىق ئىران بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ باشلامچىلىق ھوقۇقىنى تالىشىدۇ، ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىدۇ.

جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئابدۇللادىن تارتىپ سالمانغىچە سەئۇدىنىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدىكىلەر ئىزچىل تۈردە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئابدۇللا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە نۇرغۇن قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەسى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇشى ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن ئىدى، 2014-يىلى 3-ئايدا سالمان جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى، ئۇ جۇڭگونى ئاسىيادىكى بىرقانچە دۆلەتلەر قاتارىدا زىيارەتتە بولىدىغان دۆلەت ئەمەس بەلكى ئايرىم زىيارەتتە بولىدىغان دۆلەت قاتارىغا قويدى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۇڭگوغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

نېفىت سىياسىتىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى ھازىر يولغا قويۇۋاتقان خەلقئارادا ماي باھاسى چۈشۈپ كەتسىمۇ مەھسۇلاتنى ئازايتماسلىق سىياسىتى ئابدۇللا ئېغىر كېسەل مەزگلىدە سالمان باشچىلىقىدا چىقىرىلغان سىياسەت، تاراتقۇلار: سالمان تەختكە چىققاندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت سىياسىتىدە زور ئۆزگىرىش بولمايدۇ دەپ مۆلچەرلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر