باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەر قايسى مىنستىرلىق، كومىتېتلار بو يىل نېمە ئىشلارنى قىلماقچى؟

2015.01.26 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى بىر يىلدا مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىقلار، كومىتېتلار ھەر قايسى ساھەلەر دىققەت قىلىۋاتقان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى قانداق ئويلىشىدۇ، قانداق ئورۇنلاشتۇرىدۇ؟ دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بۇ يىل دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش داۋالاش يېتەكچى پىكىرىنى تۈزىدۇ، شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتى سىناق رايونىدا دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش، داۋالاشنى ئېلىپ بارىدۇ، بىمارلار كېسەل كۆرسىتىشتە ئالدى بىلەن ئاساسى قاتلام داۋالاش ئاپپاراتىغا بارىدۇ، ئۇ يەردىكى دوختۇرلار كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئېغىر كېسەللەرنى «يېشىل يول» ئارقىلىق، چوڭ دوختۇرخانىلارغا يۆتكەيدۇ.

  دۆلەت زېمىن بايلىق مىنىستىرلىقى «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنى ۋاقىتلىق يولغا قويۇش نىزامى»نى 1-مارتتىن باشلاپ يولغا قويىدۇ، كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى چىڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىكنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىن تېزدىن مەسئۇلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يىل ئىچىدە ئاساسى جەھەتتىن تاماملاشنى قولغا كەلتۈرىدۇ. كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش ئۇچۇر سەھنىسى قۇرۇلۇشىنى باشلايدۇ.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ 2015-يىلى بېكىتكەن يىللىق بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ۋەزىپىسىنى 2014-يىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مەملىكەت بويىچە، خىمىيەلىك ئوكسىگېن مىقدارى، ئاممىياكلىق ئازوت قويۇپ بېرىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم %2ئازايتىلىدۇ. گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش مىقدارى %3ئازايتىلىدۇ، ئازوت ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارى %5ئازايتىلىدۇ. ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنلاش كېرەك. ۋاقتى توشقان ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.

  يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باش ئىدارىسى ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، پاسسىپ ھالدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلغان ئەندىزىگە ئۆزگەرتىپ، خېيىم-خەتەرنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ.

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى بازار ھەرىكىتىدە كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى توغرا ئىگىلەپ، رايونلار ئارىسىدىكى پەرققە دىققەت قىلىپ، بازار ۋەزىيىتىنى ئېز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، پائال تاقابىل تۇرۇپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  سۇچىلىق مىنىستىرلىقى بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن 12-بەش يىللىق پىلاندىكى يېزا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى پىلانىدىكى ئېشىندى ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇلار ياشايدىغان رايونلار، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى رايونلار قاتارلىق پىلان سىرتىدا يېڭىدىن كۆرۈلگەن يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى بىر تۇتاش ھەل قىلىدۇ.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ناچار ئۇچۇرلارنى ئۇنىۋېرسال تېزگىنلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك بولغان ئەخلەت ئۇچۇرلار، ئېنىقسىز ھەق ئېلىش، كۆچمە خەۋەرلىشىش نومۇرىنى ئالماشتۇرۇش قېيىن بولۇش، مەكتەپ بازارلىرىدا يامان خاراكتېرلىك رىقابەتلىشىش، تېلېفون پاراكەندىچىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تىزگىنلەپ، ئابۇنىتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر