باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، مىللەتلەردىن بىرى كەم بولۇپ قالسا بولمايدۇ»

2015.01.23 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا، مىللەتلەردىن بىرى كەم بولۇپ قالسا بولمايدۇ

  − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇڭسەن دۇلۇڭ-نۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جاۋتۇڭ، دالى، كۇنمىڭ قاتارلىق جايلىرىغا بېرىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن لۇدىيەن رايونىدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى. كارخانا، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى، يېزا-بازارلارنى تەكشۈردى، ئۇ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى كۇنمىڭدا نۇجياڭ ئوبلاستى گۇڭسەن دۇلۇڭ-نۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ۋەكىللىرى سەمىمىي كۆرۈشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى

  «بىز تونۇشىمىز، چۈنكى خەت-چەك ئالاقىسى قىلىپ تۇرىمىز ئەمەسمۇ»

  1-ئاينىڭ 20-كۈنى، باھار شەھىرىنىڭ ھاۋاسى ئوچۇق، ئاپتاپ چىقىپ تۇراتتى. يۈننەن ئۆلكىسىدە خىزمەتلەرنى تۈكشۈرىۋاتقان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كەچقۇرۇن ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىدا نۇجياڭ ئوبلاستى گۇڭسەن دۇلۇڭ-نۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى.

  بۇ ئارزۇلىغانغا ئۇزاق ۋاقىت بولغان بىر قېتىملىق كۆرۈشۈش ئىدى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 6 يېرىمدا، كۇنمىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىنى تەكشۈرۈپ بولغان شى جىنىپىڭ چىراقلىرى يۇرۇپ كەتكەن يىغىن زالىغا كىردى، ئۇ مىللىيچە كېينىۋالغان، خەت يازغان بەش كىشى، يەنى دۇلۇڭ مىللىتىدىن بولغان پېشقەدەم ھاكىم گاۋ دېرۇڭ، گۇڭسەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى نا ئاتا، ھاكىمى ما جېڭسەن، دۇلۇڭجياڭ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى خې گوشيۇڭ، يېزا باشلىقى لى يۇڭشياڭ ھەم دۇلۇڭ مىللىتىدىن بولغان ئايال ۋەكىل لى ۋېنشى، دۇڭ سۈنليەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

  گاۋ دېرۇڭ باش شۇجىنى كۆرۈپلا يەكتەك، قونداقلىق ئوقيا، ئوتىغۇچ قاتارلىق ئالاھىتەن ئالغان كەلگەن دۇلۇڭلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قوراللىرىنى بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ كەتتى، شى جىنپىڭ بۇلارنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ چىقتى ۋە سۈرۈشتۈردى. «خاتىرە» دەپ ئاتىلىدىغان ياغاچ ئويمىدا بىر پاچە خەت خاتىرلەنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، شى جىنپىڭ ئۇنىڭ مەزمۇنىنى سۈرۈشتە قىلدى؛ دۇلۇڭ مىللىتى دەريادىن ئۆتكەندە ئىشلىتىدىغان غالتەكنىڭ سۈرەتلىرى ۋە ماددىي بۇيۇملىرىنى كۆرۈپ: «جاپالىقكەن، ھە!» دېدى.

  «بۇ نەرسىلەر مەدەنىيەت ئەمەسمۇ»، دېدى شى جىنپىڭ يىغىن زالىنىڭ بىر تەرەپىدىكى ئۈستەلگە قويۇپ قويۇلغان بامبۇك قۇرۇلتۇلمىسى، بۆلجۈرگەن، ياۋا گۈللەردىن ياسالغان ھەسەل قاتارلىق دۇلۇڭجياڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەچ ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

  شى جىنپىڭ چىغلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ گاۋ دېرۇڭنىڭ قوللىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ پاراڭلاشتى، كۆپچىلىكمۇ ئۇلارنىڭ ئەتىراپىغا ئولىشىپ، دۇلۇڭ مىللىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن قىسقا فىلىمنى كۆردى.

  ئۆرتەپ-چوقىلاپ تېرىقچىلىق قىلىشتىن كۆپ خىل ئىگىلىك باشقۇرۇشقىچە، دەريادىن ئۆتكەندە غالتەك ئىشلىتىشتىن تاغنى يېرىپ يول ياساشقىچە، كەپە ئۆيدىن قىشلىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ چىققىچە، ئوتتۇرىچە ئىلكىدىكى كىرىم 900 يۈەن 2 مىڭ يۈەنگە يەتكىچە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى قىسقا فىلىمدا بىر-بىرلەپ گەۋدىلىنىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 نەچچە يىلدا، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇلۇڭ ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ چەت، يىراق، بېكىنمە مىللەت باشقا قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بىللە زامانىۋى مەدەنىيلىككە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى......

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر