باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاۋات ناھىيەسى «ئەخلاق قىزىل، سېرىق مۇنبىرى» ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى مەدەنىي كەيپىياتقا يېتەكلىمەكتە

2015.01.22 19:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيىسىدىكى ھەرقايسى يېزا-كەنتلەر يەنە مۇنداق بىر ئىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ھەرقايسى كەنت(مەھەللە)لەردە كەنت(مەھەللە) ئاھالىسى ئۆزى نامزات كۆرسىتىش، ئامما تەۋسىيە قىلىش، كەنت كۆرسىتىش شەكلى ئارقىلىق، كەنت(مەھەللە) پارتگۇرۇپپىلىرىغا ئۆز ئەتراپىدىكى ياخشى ئىش، ياخشى ئادەملەرنى كۆرسىتىپ بەردى. ھەر ئاينىڭ ئاخىرىدا ھەرقايسى كەنت(مەھەللە) پارتگۇرۇپپىلىرى «ئىككى يىغن ئىككى بېلەت» خىزمەت ئۇسۇلى ئارقىلىق، چوڭلارغا، ئۇرۇق-تۇققانلارغا ۋاپادارلىق قىلىش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىش، تىرىشچانلىق، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇش، يۇرتداشلار بىلەن دوستانە ئۆتۈش، پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ بېيىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىلغار تىپلارنى «ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى» قىلىپ، «قىزىل مۇنبەر»گە چىقاردى.

  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىلگىرىسۈرۈش ئۈچۈن، يېزىلاردا «قانۇن-نىزاملارغا بوي سۇنۇش، ئىلغارلارنى ھۆرمەتلەش، ئناق-ئىتىاق ئۈتۈش، تىرىشچانلىق بىلەن بېيىش»تەك ياخشى ئىستىل بارلىققا كەلدى. ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ئاۋات ناھىيسىنڭ ھەرقايسى كەنىت(مەھەللە)لىرىدە «ئەخلاق قىزىل، سېرىق مۇنبىرى» تەسىس قىلىنىپ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قۇرلۇشىنىڭ ئاممىغا يېقىنلىشىش، مەدەنىي ئىستىلغا يىتەكلەش خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  « قىزىل، سېرىق مۇنبەر»نىڭ رولىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى يېزا-بازارلار «ئەڭ گۈزەل ئاۋاتلىقلار»نى مۇكاپاتلاش فوندى تەسىس قىلىپ، دېھقانلارغا قارىتا «نومۇر قويۇش تۈزۈمى» نى يۈرگۈزدى. ئومۇمەن مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالىنىپ بىر قېتم «قىزىل مۇنبەر»گە چىققانلارغا بىر نومۇر قوشۇلىدۇ، يىل ئاخىرىدا ئېرىشكەن نومۇرىغا ئاساسەن «ئەڭ گۈزەل ئاۋاتلىقلار»نى مۇكاپاتلاش فوندىدىن ماددىي مۇكاپات بېرىلىدۇ. بىر يىل ئىچىدە 5دىن يۇقۇرى نومۇرغا ئېرىشكۈچىلەرگە قارىتا ئايرىم ئارخىپ تۇرغۇزۇپ يۇقۇرى دەرىجىلىك پارتكومغا يوللاپ، مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش، پارتىيىگە قوبۇل قىلىش، كەنت كادىرلىقىغا تەيىنلىنىدىغان زاپار كادىرلىققا كۆرسىتىش قاتارلىقلارنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ، ھەمدە يېزىلاردا تۆۋەن سوممىلىق قەرز تارقىتىش، كەسپىي تەربىيلەش، دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن ئېتىۋار بېرىلىدۇ. بىر قېتم «سېرىق مۇنبەر» گە چىققانلاردىن بىر نومۇر تارتىلىدۇ، تەربىيلەپ يېتەكلەش ئارقىلىق ۋاقتىدا ئۆزگەرگەنلەرنىڭ ئىسمى «سېرىق مۇنبەر»دىن ئۆچۈرىلىدۇ، 5دىن ئارتۇق نومۇر تارتىلغانلار نوقتىلىق تەربىيلەش ئوبېكتى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئۇلارغا قارىتا تەشۋىق تەربىيە بېرىش ۋە ئىز قوغلاپ ياردەم بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلگەن ئاساستا ياردەم بېرىلىدۇ.

  «قىزىل مۇنبەر»گە چىققانلارنىڭ ئىلغارلىق ئىش-ئىزلىرىنى كەنت(مەھەللە) ئاھالىلار كومېتىتى ئۆز ۋاقتىدا كەنت رادىئوسى، تەشۋىقات ماشنىسى، كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش مۇنبىرى ۋە كەنت «ئەخلاق دەرسخانىسى»دا كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئىلغارلاردىن ئۆگىنىشكە، ئىلغارلاردىن بولۇشقا يېتەكلەيدۇ. «سېرىق مۇنبەر»گە چىققانلارغا قارىتا كەنت(مەھەللە) ئاھالىلار كومېتىتى كەنت ئاھالىسى ۋە خولۇم-قوشنىلارنى نازارەت قىلىش ۋە نەسىھەت قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇنى خىجىل قىلىش ئارقىلىق ئۆزگەرتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خاتالىقىنى تونۇپ ئۆزگەرگەن، ئۆزگىرىش ئىپادىسى كۆرىنەرلىك بولغانلار كەنت ئاھالىلار كومېتىتىنىڭ يىغىنىغا قويۇلۇپ، «سېرىق مۇنبەر»دىن ئىسمى ئۆچۈرىلىدۇ، مۇنبەرگە چىقىرىش ـــ نازارەت قىلىش ـــ ئۆزگەرتىش ـــ مۇنبەردىن ئۆچۈرۈشتەك ئۈنۈملۈك بولغان ئايلىنىش مېخانىزىمى ئارقىلىق، كەنت(مەھەللە) ئاھالىلار كومېتىتى ئۆز تەۋەلىگىدىكى كەنت ئاممىسنىڭ ئىدىيىۋى ئۆزگىرىش ئەھۋالى، كەنت كەيپىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىش ئەھۋالىنى چۈشىنىپ ئىگىلەيدۇ.

  «ئەخلاق قىزىل، سېرىق مۇنبىرى» باھالاش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاۋات ناھىيىسىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 59 نەپەر ئىلغار تىپ باھلاپ تۇرغۇزۇلدى، 16 نەپەر سەلبىي تىپ تەربىيلەپ ئۆزگەرتىلدى. ھەر بىر «ئەخلاق قىزىل، سېرىق مۇنبىرى» بىر ئەينەك بولۇپ، بۇ ئەينەك ئارقىلىق ئىلغار تىپلارنى تۇرغۇزۇپ، نىشاننى بېكىتىپ، رەزىللىكنى پاش قىلىپ، ئارقىدا قالغانلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاممىۋى ئىستىلنى ياخشىلاپ، كەنت ئاممىسىنىڭ ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاپ پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدە يۇقۇرىدىن- تۆۋەنگىچە

  ئىلغارلار ئارقىلىق ئارقىدا قالغانلارنى يېتەكلەش، ھەتتا ئارقىدا قالغانلار ئىلغارلاردىن ئېشىپ كېتىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر