باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ساياھەتچىلەر ساياھەتتە مەدەنىي بولماسلىق خاتىرىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» تۈزۈلىدۇ ۋە يولغا قويۇلىدۇ

2015.01.26 08:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جىنزاۋ يېقىندا مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ساياھەتتە مەدەنىي بولماسلىق قىلمىشلىرىنى يەنىمۇ توسۇش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن باشلاپ ساياھەتچىلەر ساياھەتتە مەدەنىي بولماسلىق ئارخىپىنى دەرىجىگە بۆلۈپ تۇرغۇزۇپ، «ساياھەتچىلەر ساياھەتتە مەدەنىي بولماسلىق خاتىرىسىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى تۈزىدۇ ۋە يولغا قويىدۇ، ئاۋىياتسىيە شىركىتى، ساياھەت كوپراتىپلىرى، ساياھەت مېھمانسارايلىرى قاتارلىق ساياھەتكە چېتىشلىق كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ، ساياھەتچىلەر ساياھەتتە مەدەنىي بولماسلىق ئۇچۇرلىرىنى ئۇقتۇرۇش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش مىخانىزمىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  يېقىندا يۈز بەرگەن «ئايروپىلاندا جېدەل چىقىرىش» قاتارلىق ساياھەتتە مەدەنىي بولماسلىق قىلمىشلىرى جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي ساياھەتكە بولغان دىققىتىنى قايتا تارتتى.

  لى جىنزاۋ مۇنداق دېدى: دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى تېلېگراف تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىپ، يانفون ئۇچۇرى ئارقىلىق، ساياھەتچىلەر چېگرا سىرتىدىكى ساياھەت مەنزىرىگاھلىرىغا قەدەم قويغان ھامان «بىخەتەرلىككە، ئەدەپ-ئەخلاققا، تازىلىققا دىققەت قىلىش، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلماسلىق، قالايمىقان سىزىپ-جىجىماسلىق، قانۇن-قائىدىگە خىلابلىق قىلماسلىق»نى سەمىمىي ئەسكەرتىدۇ. بۇ يىل چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىشتىكى مەدەنىي بولمىغان قىلمىشلارنى نۇقتىلىق تۈزەيدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن پائال ماسلىشىپ، مەدەنىي بولمىغان ساياھەتچىلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ، ساياھەتتە مەدەنىي بولمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزىمىنى قانۇن بويىچە تۈزۈپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىشىدىكى مەدەنىي، تەرتىپلىك ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر