باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەپتىش ئورگانلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ ئامانلىق ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكار جاۋاب قايتۇرىدۇ

2015.01.26 08:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  22-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك باش تەپتىشلەر يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى تەپتىش ئورگانلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ ئامانلىق ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكار جاۋاب قايتۇرۇپ، يىمەكلىك دورا بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش، مۇھىت بۇلغاش، تېلېگراف ئالدامچىلىقى قاتارلىق جىنايەتلەرنى جازالاشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىكەن.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى تەپتىشلىك فۇنكىسىيەسى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قارا جەمئىيەت، رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىپ يوقىتىش قاتارلىق مەخسۇس كۆرەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىشى، قارا جەمئىيەت، ئاياللار-بالىلارنى ئالداپ سېتىش، قانۇنسىز قورال-ياراق ساقلاش، ئوغرىلىق، بۇلاڭلىق، ئالدامچىلىق، شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، زەھەر سودىسى قاتارلىق جىنايەتلەرگە دائىملىق زەربە بېرىش، تۈزەش مىخانىزمىنى ئورنىتىشى، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، پۇل-مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، شاخلىتىپ سېتىش قاتارلىق ئاممىغا چېتىلىدىغان ئىقتىسادىي جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە قەتئىي زەربە بېرىشى، شەخسىي ئەسەبىي زوراۋانلىق جىنايىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، جىنايى ئىشلار دېلولىرى كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك. ئېكىلوگىيە مۇھىت ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئېكىلوگىيە مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە يىمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشنى مەخسۇس دېلو تۇرغۇزۇپ نازارەت قىلىشنى داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم. تور بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، توردىن پايدىلىنىپ سادىر قىلىنغان تەشكىللىك ئېغۋا توقۇش، تارقىتىش، ئالدامچىلىق قىلىش، قىمار ئويناش، شەھۋانىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، تورنى ساپلاشتۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر