باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەمەن پارلامېنتى زۇڭتۇڭ ھادىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى

2015.01.23 16:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەمەن پارلامېنتى 22-يانۋار كەچتە قىسقا بايانات ئېلان قىلىپ، يەمەن زۇڭتۇڭى ھادىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى. ھەمدە 23-يانۋار جىددىي يىغىن ئېچىپ يەمەننىڭ سىياسىي كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنى كېڭىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ھادى 22-يانۋار كەچتە پارلامىنىتقا ئىستىپا نەم سۇندى. ھادى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن بۇيانقى ۋەزىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى سىياسى جەھەتتە يارىشىش مۇساپىسىغا تەسىر كۆرسەتتى، بىر قىسىم پارتىيەلەر مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن يەمەنگە سىياسى كىرىزىس ئېلىپ كەلدى، شۇڭا مەن ۋەزىپە ئۆتىگەندە تەسىس قىلغان نىشانلىرىمنى ئادا قىلىشقا ئامالسىز قالدىم، بىز ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالدۇق.

  شۇ كۈنى، يەمەن زۇڭلىسى باخا ھادىغا ئىستېپانامە سۇندى. باخا مۇنداق دېدى: يەمەن ۋەزىيىتى ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىگەن نىشانى بىلەن قارمۇ قارشى بولدى، نۆۋەتتىكى سىياسىي قالايمىقانچىلىق لوگىكىغىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ شۇنداقلا قانۇن پىرىنسىپقىمۇ خىلاپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر