باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 100 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

2015.02.04 14:10         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز 2014- يىللىق شىنجاڭدىكى 100 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ ئالاھىدە ترانسىفورماتور سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بۇ قاتاردىن ئورۇن ئالدى. بۇ-- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇشى بولۇپ، ئۇلارنى رەتكە تۇرغۇزۇشتا ئۇلارنىڭ 2013- يىلىدىكى تىجارەت كىرىمى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ قىلىندى.

  تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشچە، 2013- يىلى، گۇاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى 109 مىليارد 236 مىليون 380 مىڭ يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن يەنى ئارقىدىكى 99 كارخانىنىڭ تىجارەت ئومۇمىي كىرىمىنى يېغىنچاقلىغان سوممىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن؛ شىنجاڭ ئالاھىدە ترانسىفورماتور سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن مېك مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ تىجارەت كىرىمى ئايرىم ھالدا 35 مىليارد 330 مىليون 830 مىڭ يۈەن ۋە 4 مىليارد 147 مىليون 660 مىڭ يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، 2- ، 3- ئورۇندا تۇرغان. دېمەك، ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان شىركەتلەر بىلەن كەينىدىكى 3 ئورۇندا تۇرغان شىركەتلەرنىڭ ئەھۋالىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بۇلىدۇكى، ئاپتونوم رايونىمىزدا پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات پەرقى ناھايىتى زور ئىكەن. گەرچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 100 كۈچلۈك كارخانا بولسىمۇ، ئەمما تىزىملىكتە ئارقىدا تۇرغان نۇرغۇن كارخانىلار يەنىلا ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلار ھىسابلىنىدىكەن. يىللىق تىجارەت كىرىمىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 50 مىليون يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن. تىزىملىكتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان گۇاڭخۇي گۇرۇھىغا سىلىشتۇرغاندا، يىللىق تىجارەت كىرىمى ئومۇمىي سوممىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق 2 مىڭ ھەسسىگە يېتىدىكەن. بۇلا ئەمەس، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆلەملىك كارخانىلارنىڭ رايونلارغا تارقىلىشىمۇ تەكشىسىز ئىكەن. تەڭرىتاغ شىمالىي يانباغرى ئىقتىسادىي بەلباغدىكى پۇقراۋى كارخانىلار كۆلىمى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى پۇقراۋى كارخانىلار كۆلىمىدىن ئومۇميۈزلۈك چوڭ بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى چوڭ تىپتىكى پۇقراۋى كارخانىلار توپلاشقان رايون ھىسابلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر