باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىلى ئوبلاستلىق كەسپىي تەربىيەلەش گۇرۇھى قۇرۇلدى

2015.02.04 14:20         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلى ئوبلاستلىق كەسپىي (تېخنىك ئىشچىلار) تەربىيەلەش گۇرۇھى يېقىندا قۇرۇلدى.

  ئىلى ئوبلاستلىق كەسپىي (تېخنىك ئىشچىلار) تەربىيەلەش گۇرۇھى-- ئىلى تېخنىك تەربىيەلەش ئىنستىتوتى، ئىلى ئوبلاستلىق ئالىي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى ئاساس قىلغان، غۇلجا شەھىرى، غۇلجا، قورغاس، توققۇزتارا، تېكەس، نىلقا ناھىيەلىرىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ئالتە تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، ئىلى ئوبلاستلىق قاتناش- تىرانسپورت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، ئىلى ئوبلاستلىق پولات- تۆمۈر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئىلى چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، ئەنچى ئېچىتقۇسى ئىلى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 30 كارخانا ۋە مەكتەپ بىرلىشىپ ھەمكارلاشقان، كەسپىي مائارىپ بايلىقى بىرلەشتۈرۈلگەن گەۋدە بولۇپ، گۇرۇھ مەكتەپ بىلەن كارخانىلار ھەمكارلىقى، مەكتەپ بىلەن مەكتەپ ھەمكارلىقى، مەكتەپ بىلەن ئۇيۇشمىلار ھەمكارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىلى ئوبلاستلىق كەسپىي (تېخنىك ئىشچىلار) تەربىيەلەش گۇرۇھى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يېزا ئېشىنچا ئەمگەكچىلىرىنى يۆتكەش، تەربىيەلەش، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەنلەرنى تەربىيەلەش، 80-، 90- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنى تەربىيەلەش، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى تەربىيەلەش ۋە ئالىي تېخنىك خادىملارنى تەربىيەلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرىدىكەن. گۇرۇھقا ئەزا مەكتەپلەردىن ئوقۇشنى لاياقەتلىك پۈتتۈرگەنلەرنى كارخانىلارغا تاللاپ ئەۋەتىپ، كارخانىلارغا «زاكاز» بويىچە مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تەجرىبە شارائىتى ۋە تېخنىكا مەدىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. گۇرۇھقا ئەزا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنى كارخانىلار ئالدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر