باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى «يولۋاس» بىلەن « چىۋىن» نى بىرلىكتە ئۇرىدۇ

بۇ يىل خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى پارىخورلۇق چىڭ تۇتىلدۇ، ئاممىنىڭ يېنىدىكى پارىخورلۇق ئۈزۈل- كېسىل تەكشۈرۈلىدۇ

2015.02.04 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆتكەن يىلى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان پارخورلار 20 مىڭدىن ئارتۇق

  كەنت كادىرلىرىنىڭ دېلوسى بىر قەدەر كۆپ، بىر يەرنى تەكشۈرسە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىكلىرى بىر قۇچاق

  مۇخبىرنىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2014- يىلىدىن باشلاپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش تارماقلىرىدىن قەتئىي « يولۋاس» بىلەن «چىۋىن» بىرلىكتە ئۇرۇش، دۆلەت كادىرلىرى ۋە ئاساسى قاتلام يېزا كادىرلىرىنىڭ، ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ۋە ئاممىغا ئېتىبار قىلىنغان مەبلەغنى ئېلىۋېلىش،يۈتىۋېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىش ھەم پارا تەلەپ قىلىش، پارا ئېلىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.2014-يىلى 1 - ئايدىن 11 – ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش تارماقلىرى «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش»، مەخسۇس مەبلەغنى باشقۇرۇپ ئىشلىتىش، جامائەت پاراۋانلىقى، نامراتلارنى يۆلەپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، مائارىپ تەتقىقات قاتارلىق ساھەلەردە جەمئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك دېلوسى 17601 پارچە 23443 ئادەم بولۇپ، چېتىلىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 5 مىليارد 890 مىليون يۈەن. بۇنىڭ ئىچىدە، يېزا كادىرلىرىنىڭ دېلوسى بىر قەدەر كۆپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان يېزا- بازارلىق پونكىتلار ۋە يېزا ئاساسى قاتلام تەشكىلات خىزمەتچى خادىملىرى 10593 ئادەم بولۇپ، 45.2 % نى ئىگەللەيدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر