باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىرىكلىشىش دۆلەت كارخانىلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى

2015.02.05 18:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر دۆلەت كارخانىلىرىدا چىرىكلىشىش يەنىلا ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنمىدى، شۇڭا ئىسلاھات تەسلىشىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا.

  مەركەز چىرىكلىككە داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىۋاتقان بولسىمۇ، چىرىكلىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنمەسلىكىدىكى تۈپ سەۋەب. ھوقۇق ۋە جامائەت بايلىقىنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئەمەلدارلار ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى بايلىق تەقسىملەش ھوقۇقىنى مونوپول قىلىۋېلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزمەكتە.

  ئالاقىدار تەرەپلەر كۆپ يىللاردىن بۇيان دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇرغۇن دۆلەت كارخانىسىدا پايچىكلار كېڭىشى، مۇدىرىيەت يىغىنى ۋە نازارەتچىلىك كومىتېتى تەسىس قىلغان بولسىمۇ، بەزى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى چوڭ ھوقۇقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، زور مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدە دەلىل – ئىسپات كۆرسەتمەي، بەلگىلەنگەن تەرتىپنى ئادا قىلمىغان، بۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقى ئاپپاراتلار قۇرۇق جازىغا ئايلىنىپ قېلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىسى يوققا چىققان.

  چىرىكلىشىش شامىلى يەنە ھەر خىل يوشۇرۇن قائىدىلەرنى پەيدا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ سودا تەننەرخىنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن يەنە دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۈنۈمى بىلەن سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بازار رىقابىتى ۋە سودا تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ناچار كەيپىيات شەكىللەندۈرگەن. يوشۇرۇن قائىدىلەرنىڭ يامرىشىغا يول قويۇش نەتىجىسىدە، كارخانىلار تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەھسۇلات سۈپىتىنى ياخشىلاش، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولالمىغان.

  بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چىرىكلىشىش – دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ دۈشمەن. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتى بىلەن چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قارىماققا ئىككى ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىر – بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش ئۈچۈن جەزمەن ئەمەلدارلار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ شەخسىي مەنپەئەتنى قوغلىشىپ بازار ھەرىكىتىنىڭ ساغلام ئايلىنىشىغا كاشىلا قىلىش قىلمىشىنى توسۇش كېرەك.

  دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدا چوقۇم چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا سۈكۈت قىلماسلىقتەك قاتتىق سىياسەتنى قوللىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر