1973-يىلى 1-ماي، خېفېي 8-ئوتتۇرا تولۇق 2-يىللىق (6) سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى نەنجىڭ جۇڭشەن قەبرىستانلىقىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. كەينى رەت ئوڭدىن 2-چىسى 18 ياشلىق لى كېچياڭ.
ئىچكى ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن لى كېچياڭ زۇڭلى جەمئىيەتكە تۇنجى قەدەم قويغاندا سالاھىيىتى «دېھقان» بولۇپ، تۇنجى «ئەمىلى» ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئىدى. ئۇ تۆت يىل ۋاقتىنى دېھقانلارنىڭ ئارىسىدا ئۆتكۈزۈپ، تاش كۆتۈرۈپ، مايسا تىكتى، ھەر كۈنى ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى كوممۇنا ئەزالىرىغا ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۇمۇر خاتىرىلەپ، «ھەر بىر كىشىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇشنىڭ ئامالىنى قىلدى».
نۇرغۇن يىل ئۆتتى، مەيلى ياش ۋاقتىدا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانسۇن ياكى يەرلىكتە ۋەزىپە ئۆتىگەندە ئەمەلىي ئىزدەندى، 5000 يىلدىن بۇيان يەرگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن دېھقانلارنى «شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش» مەسىلىسى لى كېچياڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى