باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە زۇڭتۇڭى پىياۋ جىڭخۇي جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۈەن بىلەن كۆرۈشتى

2015.02.05 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 4- فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورىيە زۇڭتۇڭى پىياۋ جىڭخۇي 4- فېۋرال زىيارەتكە كەلگەن دۆلەت كومىسسارى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۈەن بىلەن كۆرۈشتى.

  خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، پىياۋ جىڭخۇي، بۇ يىل كورىيەنىڭ مۇستەملىكنى ئاخىرلاشتۇرغان ۋە كورىيە بىلەن چاۋشىيەننىڭ بۆلۈنۈپ كەتكەن 70 يىللىقى، ھازىر كورىيە چاۋشيەن ئىككى تەرەپ ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۋاتقان، كورىيە چاۋشىيەننىڭ بىرلىككە كېلىشى ئۈچۈن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش ئۈچۈن تىرىشۋاتقان ياخشى پەيت، بىراق كورىيە چاۋشيەن بىرلىكىنىڭ مۇستەھكەم ئۇلىنى قۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ھەمكارلىقىغا موھتاج، دېدى. چاڭ ۋەنچۈەن بولسا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پىياۋ جىڭخۇيغا بولغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى.ئىگىلىنىشچە، چاڭ ۋەنچۈەن 3- فېۋرال كورىيەگە يېتىپ بارغان بولۇپ، 4- فېۋرال كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خەن مىنچىيۇ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر