باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئۈچ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا IC كارتىسى ئارقىلىق يول يۈرۈش ھەققى تاپشۇرۇش سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى

2015.02.05 13:11         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاقىرتاغ-گۇچۇڭ، گۇچۇڭ-مورى ۋە رەڭدى كىرىش(ۋۇسەيۋەن)-تاقىرتاغ قاتارلىق ئۈچ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى 16 ھەق ئېلىش پونكىتىدا 1-فېۋرالدىن باشلاپ ‹‹كىرىش ئېغىزىدا كارتا ئېلىش، كارتا بىلەن يول يۈرۈش، چىقىش ئېغىزىدا كارتىنى تاپشۇرۇپ، كارتىغا ئاساسەن ھەق تاپشۇرۇش››تەك يېپىق ھالەتتىكى تورلاشقان IC كارتىسىنى باشقۇرۇپ ھەق ئېلىش يولغا قويۇلدى. بۇ خىلدىكى ھەق ئېلىش ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى ئالغانغا ئوخشاش بولۇپ، كىرگەندە كارتا ئېلىپ، چىققاندا كارتىغا ئاساسەن ھەق تاپشۇرىدۇ.

  نەنچۇەنزى ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ باشلىقى خۇاڭ ۋېنلىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، نەنچۇەنزى ھەق ئېلىش پونكىتى ئۈرۈمچى-گۇچۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ كىرىش ئېغىزى ھەق ئېلىش پونكىتى بولۇپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن ئاپتوموبىللارغا كارتا بېرىلىپ، ھەق ئېلىنمايدىكەن. ئاپتوموبىللار چىقىش ئېغىزى ھەق ئېلىش پونكىتىدا IC كارتىنى ھەق يىغقۇچىغا بېرىپ، يول يۈرۈش مۇساپىسى بويىچە ھەق تاپشۇرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتوموبىللار يول تورىدىكى 1-ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتكەندە، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنى پەرقلەندۈرۈش ئاپپاراتى ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى، ئاپتوموبىل تىپى ۋە كىرىش ئېغىزى ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى ئۇچۇرلارنى IC كارتىسىغا قاچىلاپ، بۇ بىر قاتار ئۇچۇرلارنى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا زاپاس ساقلايدىكەن. ئاپتوموبىللار چىقىش ئېغىزى ھەق ئېلىش پونكىتىدا IC كارتىنى سۈركەپ ھەق تاپشۇرغان ۋاقىتتا، ھەق يىغققۇچى خادىم IC كارتىغا قاچىلانغان ئۇچۇر ئارقىلىق، ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش مۇساپىسىگە ئاساسەن ھەق ئالىدىكەن. بۇ خىل ھەق ئېلىش ئۇسۇلى ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر