باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ش ئا ئە ت نىڭ ئۇكرائىنانى ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن قوللىشىغا قارشى تۇرۇلدى

2015.02.05 16:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىنىڭ رەئىسى 3-فېۋرال، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىناغا ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن ياردەم بېرىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى بىرلىكتە ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئۇكرائىنا كىرىزىسىگە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ياۋروپا رايونىنىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. توقۇنۇش ئۇزاققا سوزۇلسا بۇ رايوننىڭ كەلگۈسى مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

  51-نۆۋەتلىك ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى 6-فېۋرالدىن 8-فېۋرالغىچە گېرمانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىنغا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، مىنىستىرلىرى ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىك مەسىلىسى بويىچە مۇتەخەسسىسلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 400 دىن كۆپرەك كىشى قاتنىشىپ، دۇنيانىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى ۋە خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق خەلقئارا بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر