باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى كارخانىلار 1-مارتتىن ئىلگىرى يېڭى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئالماشتۇرۇشى كېرەك

2015.02.06 12:13         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى 1-مارتتىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك كارخانىلار يېڭى شەكىلدىكى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئالماشتۇرۇشى كېرەككەن، كونا تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئەمدى ئىشلىتىلمەيدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، كونا تىجارەت ئىجازەتنامىسىغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى تىجارەت ئىجازەتنامىسى تىك شەكىللىك قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، كارخانىنىڭ ئىككىلىك كود نومۇرى قوشۇلغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىملىق ئالماشتۇرۇش ھەقسىز بولۇپ، ئۈچ خىزمەت كۈنىدىلا يېڭى تىجارەت ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشەلەيدىكەن. كونا تىجارەت ئىجازەتنامىسى بار يەككە سودا-سانائەتچىلەر، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپى ئەسلىدە تىزىملاتقان ئورۇنغا بېرىپ يېڭى ئىجازەتنامىغا ئىلتىماش قىلىشى كېرەككەن.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا تۈرلۈك بازار سۇبيېكىتىدىن 936 مىڭى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى مەبلەغ كارخانىسىدىن 191 مىڭى، تۈرلۈك چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىدىن 1325 ى، يەككە سودا-سانائەتچىدىن 720 مىڭى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپىدىن 24 مىڭى بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر