خەلق تورى 6-فېبرال خەۋىرى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەت) ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي تەرەققىيات (تۇدۇڭخابا) رايونى دۆلەت باج ئىدارىسى چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلانغانلىقى مۇناسىۋېتى بىلەن 5 – فېۋرال ئۆزلىرى تەييارلىغان 3 مىڭ تال ناننى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى، ئۈرۈمچى ئايروپورتى، شەھەر جەنۇبى يولۇچى توشۇش بېكىتىدىكى يولۇچىلارغا، مۇقىملىقنى ساقلاش 1 – سېپىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرىگە سوۋغا قىلدى.
سۈرەتتە: ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي تەرەققىيات (تۇدۇڭخابا) رايونى دۆلەت باج ئىدارىسى خادىملىرى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا يولۇچىلارغا نان سوۋغا قىلماقتا.
مەنبە: خەلق تورى