باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ تەيۋەن فۇشىڭ ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىگە مۇھىم يوليورۇق بەردى

ئەڭ يېڭى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا قازا قىلغۇچىلار 32 گە يەتكەن

2015.02.05 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئاكتىپ ھەمكارلىشىپ، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا تەسەللى بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم .

  لى كېچىياڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا يوليورۇق بەردى

  4- فېۋرال 10 دىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە تەيۋەن فۇشىڭ ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ATR72 يېنىك تىپلىق خەلق ئاۋىئاتسىيەسى يولۇچىلار ئايروپىلانى تەيبېيدىن جىنمېنغا ئۇچىۋاتقاندا ۋەقە يۈز بېرىپ، تەيبېي شەھىرى بىلەن شىنبېي شەھىرىنىڭ چېگرىسىدىكى جىلوڭ دەرياسىغا چۈشۈپ كەتكەن. ئايروپىلاندا جەمئىي 58 ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 31ى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن ساياھەتچى. 4- فېۋرال سائەت 19 غىچە ھادىسىدە، 23 ئادەم ئۆلۈپ، 15 ئادەم يارىلىنىپ، 20 ئادەم يوقاپ كەتكەن.

  ھادىسە يۈز بەرگەندىن كىيىن، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ج ك پ نىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تېزلىكتە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تېزلىكتە توغرا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرنى ئىگەللەپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئاكتىپ ھەمكارلىشىپ، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا تەسەللى بېرىش، كېيىنكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇگۈن سائەت 10دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە ئايروپىلاننىڭ ماتۇرى ۋە قالدۇقلىرى سۈزۈپ چىقىلغاندا، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئايروپىلان ئىچىدىن يەنە بىر جەسەتنى بايقىغان. ھازىرغىچە ھادىسىدە 32 ئادەم قازا قىلغان،11 ئادەمنىڭ ئىز دېرىكى ئېنىق ئەمەس.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر