شۇ يەر ۋاقتى 1-مارت ئۇرۇگۋاي پايتەختى مونتېۋىدېئودا ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى جوسى مۇجىكا ۋەزىپىسىدىن بوشىدى، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغۇچى تابارې ۋازچۇز قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى. تابارې كېيىنكى بەش يىلدا ئۇرۇگۋايغا رەھبەرلىك قىلىدۇ. مۇجىكا بۇ يىل 79 ياشقا كىرگەن بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئالدىنقى سولقانات پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ رەھبىرى سالاھىيىتىدە دۇنيادىكى ئەڭ نامرات زۇڭتۇڭ دەپ قارالغان. ئۇنىڭ پۇلغا ئەرزىيدىغان نەرسىسى ۋولكسۋاگېن بېتلې ماركىلىق كونا پاسوندىكى ئاپتوموبىلىدىن ئىبارەت. بۇ پىكاپ 1987-يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاددىي-ساددىلىقىنىڭ سىمۋولىكەن.