جياڭسۇ ئۆلكىسى شۈجۇ شەھىرىدىكى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش سودا مۇلازىمەت مەركىزىدە ، دۆلەت زېمىن - بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جياڭ دامىڭ ( ئوتتۇرىدا ) شەھەر ئاھالىسى شىڭ ۋېيفېڭ ئەر - ئايالغا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بەرمەكتە
1-مارت ، ‹‹ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقىتلىق نىزامى ›› يولغا قويۇلدى . دۆلەت زېمىن-بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جياڭ دامىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسى شۈجۇ شەھىرىدە كۆچمەس مۈلۈك گۇۋاھنامىسىغا ئىلتىماس قىلغان شەھەر ئاھالىسىغا مەملىكەت بويىچە تۇنجى كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بەردى .