باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

قازاقىستاندا 4-ئايدا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2015.02.26 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان زۇڭتۇڭى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ 25-چېسلادىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، زۇڭتۇڭ نەزەربايېف شۇ كۈنى قازاقىستاندا 26-ئاپرېل زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  شۇ كۈنكى تېلېۋىزىيەدە سۆز قىلغاندا، نەزەربايېف، زۇڭتۇڭ سايلىمى ۋە پارلامېنت سايلىمىنىڭ 2016-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، بىراق ئىككى سايلامنىڭ بىر يىلدا ئۆتكۈزۈلىشى ئاساسىي قانۇننىڭ بەلگىلىملىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقتىن، پارلامېنت، زۇڭلى، دۆلەت ئاساسىي قانۇن كومىتېتى ھەيئەتلىرى بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق 26-ئاپرېل زۇڭتۇڭ سايلىمىنى ئالدىن ئۆتكۈزۈدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. بىراق، نەزەربايېف ھازىر ئۆزىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش قاتناشماسلىقىنى تېخى قارار قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.1991-يىلى 12-ئايدا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە نەزەربايېف زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر