باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى: ئاز ساندىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، دېدى

2015.03.02 17:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى بىر قانچە يىلدا يۈز بەرگەن بەزى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى جامائەتچىلىكنىڭ يۈكسەك دېققىتىنى قوزغىدى، لېكىن، بېيجىڭغا ئىككى يىغىنغا قاتناشقىلى كەلگەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى سەمەت مەمەت «بەزى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىملىقىغا، شۇنداقلا شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنىي ئىناقلىققا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقى»غا قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ ئۇيغۇر ھەربىي زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ بۇلتۇر بىر يىلدىكى ئۈنۈمىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ: «كۆپچىلىك تېررورلۇققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ئارزۇ قىلىپ، ئاز ساندىكى تېررورچىلارنى كوچىلاردىكى ئۇر-ئۇرغا قالغان چاشقانلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى» دېدى.

  ئۇ: «تېررورچىلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، تېررورلۇققا زەربە بېرىش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش تىنچىلىقنى سۆيىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى» دېدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر