سۈرەتتە: شىرئەلى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-فېۋرال،جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى2015-يىللىق بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تۈركۈمدىكى دۆلەت كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تۆت نەپەر ئەزاسى تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى.
بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇچار يولۋاس كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىگە كىرگەن ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بىر قېتىملىقىدۇر. ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ ترېنېرى سۈي ۋەنجۈنمۇ ترېنېر گۇرۇپىسىغا قوبۇل قىلىندى.ئۇ دۆلەت ئولىمپىك ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان ئىككى قېتىملىق 19 كىشىلىك تىزىملىكتە شىنجاڭ كوماندىسى تۆت ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلار شېرئەلى،قۇرئانبېك ماكان،جۇ چى بىلەن ليو ۋېيدىن ئىبارەت. ليو ۋېي يارلانغان سەۋەبىدە تىزىمغا ئالدۇرغىلى بارالمىدى . قالغان ئۈچ كىشى بېيجىڭغا مەشىق قىلغىلى يۈرۈپ كەتتى. بۇ قېتىم دۆلەت كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشى ئاساسلىقى 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدىغان ئاسىيا ئەرلەر ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن. بۇ قارادىكى ماھىرلار 2016-يىلى رىئودا ئۆتكۈزۈلدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغىمۇ تەييارلىق قىلىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى