باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

گۇاڭجۇ خىڭدادىكى پۇتبولچى ئۆسمۈرلەر بىلەن كورلىدا سۆھبەت(1)

2015.03.02 11:17   مەنبە: خەلق تورى

گۇاڭجۇ خىڭدادىكى پۇتبولچى ئۆسمۈرلەر بىلەن كورلىدا سۆھبەت(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015- يىلى 2- ئاينىڭ 25- كۈنى ئوبلاستلىق تەنرۇس تەنتەربىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ پىلانلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ، ئالتۇنبۇلاق رېستۇرانىدا كورلا شەھىرىدىن گۇڭجۇ خىڭدا پۇتبول مەكتپىگە ئوقۇشقا بارغان ياش-ئۆسمۈر پۇتبولچىلاربىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە گۇڭجۇ خىڭدا پۇتبول مەكتپىدىن ئەسقەرقۇربان ، دىلشات ئابلىمىت، سەردار سىيىت،ئەكرەم ئۆمەر، قەمىردىن يۈسۈپ،ئابدۇللا تايىر،كەۋسەر ئابدۇغېنى قاتارلىق ياش پۇتبولچىلار ھەمدە ئاتا- ئانىلار ۋەكىلىمۇ قاتناشتى. سۆھبەتكە تەكلىپ بىلەن شەھەرلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر قايسى كوماندىلار ، تېرنېرلار ،رېپىرلار ۋەككىلىرى،شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبى ياشلار كوماندىسىدا تۇرۋاتقان ياش ۋاسكىتبولچى ئارمانجان قادىر قاتارلىق قىرىققا يېقىن كىشى قاتناشتى. سۆھبەتكە ئوبلاستلىق تەنرۇس تەنتەربىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئېليار تۇرسۇن ئەپەندىم رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا گۇڭجۇ خىڭدا پۇتبول مەكتپىگە ئوبلاستىمىزدىن ئوقۇشقا بارغان ئۆسمۈر پۇتبولچىلىرىمىزنى كۈتىۋېلىش قوللاش،مەددەت بېرىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.سۆھبەتتە كورلا شەھەرلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، پىشقەدەم ئۇستاز،تېنېر ئىسمايىل مۇئەللىم ئوبلاستىمىزنىڭ ۋە شەھىرىمىزنىڭ يېقىندىن بۇيانقى پۇتبول تەرەققىيات ئەھۋالىنى خۇلاسىلىدى ۋە بارلىق پۇتبولچىلاردىن، كوماندىلاردىن ،بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەردىن كۈتىدىغان ئارزۇ- ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئاتا- ئانىلار ۋەكىلى سىيىتجان مۇئەللىم ئۆزپەرزەنتى سەردارجاننى پۇتبول مەكتىپىگە ئاپىرش جەريانىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ،شىىنجاڭ پۇتبولچىلىقى بىلەن ئىچكىردىكى پۇتبوچىلىقنىڭ پەرىقىنى ، بىزنىڭ ئىشلەشكە تېگىشلىك يەنە قانداق خىزمەتلەرنىڭ بارلىقىنى خۇلاسىلىدى. گۇڭجۇ خىڭدا پۇتبول مەكتپىگە ئوقۇشقا بارغان ئىنىلىرىمىزمۇ ئۆزىنىڭ پۇتبول مەكتىپىگە بارغاندىن كېيىن كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىنى،ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ،ئىتالىيىگە مەشىق، مۇسابىقىگە بارغاندىن كېيىنكى ھېس قىلغانلىرىنىمۇ سۆلەپ ئۆتتى.

  سۆھبەتتە ئالتۇنبۇلاق رېستۇرانىنىڭ دېرىكتورى تۇرغۇنجان ئەپەندىم بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئەھمىيىتىنى خۇلاسىلاپ، بۇنداق يىغىلىشلارنىڭ، پىكىر ئالماشتۇرۇشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولىشىنى، ئىتتىپاقلىشىپ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىمزنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بىر بالداق ئۆرلىشى ئۈچۈن ئورتتاق كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەكلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى.شەھەرلىك بەشىنچى باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن ياش تېرنېر، گۇڭجۇ خىڭدا پۇتبول مەكتپىگە بارغان بالىلارنىڭ تەربىيىچىسى مۇزەپپەر مۇئەللىم باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول تەرەققىيات ئەھۋالىنى، ھەمدە ئۆزىنىڭ شۇ بالىلارنى تەربىيىلەش جەريانىدىكى ئىشلارنى، مەكتەپ پۇتبولچىلىقىمىزدا كۆرۈلگەن قىيىنچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.شەھەرلىك بىرىنچى باشلانغۇچ مەكتەپدىن ياقۇپجان مۇئەللىم، قارايۇلغۇن مەكتىپىدىن قۇربانجان مۇئەللىممۇ ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.

  تەكلىماكان كوماندىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە يېتەكچىسى قەيسەر قەھرىمان ئەپەندىم كوماندىلارغا ۋەكىل بولۇپ سۆز قىلدى. بىخلان تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى يۈسۈپجان ئەپەندىم ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ، رادىئو-تېلېۋزىيە ئىدارىسىدىن راھمانجان ياسىن دۆلىتىمىزنىڭ ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەكتەپ پۇتبولچىلىقىغا قارىتا چىقارغان يېڭى سىياسەتلىرىدىن چۈشەنچە بەردى.

  ئاخىرىدا ئوبلاستلىق تەنرۇس تەنتەربىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىليار تۇرسۇن ئەپەندىم سۆھبەتكە قاتناشقان ياش پۇتبولچىلارغا خاتىرە بۇيۇمى سوۋغا قىلدى.بۇ قېتىمقى پائالىيەت باشتىن ئاخىرى يۇقىرى قىزغىنلىققا ئېلىپ بېرىلدى، چاۋاككلار ئۈزۈلمىدى،ناھايىتى ياخشى بىر قېتىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش بولدى، ھەمدە بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئورتاقلىق ھاسىل قىلىندى. ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە 26- چىسلا چۈشتىن كېيىن رويال بەش كىشىلىك زال ئىچى پۇتبول مەيدانىدا گۇڭجۇ خىڭدا پۇتبولچىلىرى بىلەن كورلا شەھىرىدىن تەشىلەنگەن كوماندا بىر مەيدان دوستلىق مۇسابىقىسى ئوينىدى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەت كورلا پۇتبولچىلىقىغا ئاكتىپ رول ئوينايدىغان پائالىيەت بولدى، بىز بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئورتتاق ھەمكارلىشىپ بىرنىيە- بىر مەقسەتتە پۇتبولچىلىق ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئىچكىردىكى  تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇمۇر چېكى ئېلان قىلىندى 
      ·ئېلىمىز بىر تۈركۈم ھاۋا ئارمىيەسى ياش ـ ئۆسمۈرلەر ئاۋىئاتسىيە مەكتىپى قۇرماقچى(1)
      ·شىنجاڭ 3يىلدا تەييارلىق سىنىپىغا 3500 نەپەر قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلماقچى
      ·ئوتتۇرا ئاسىيا (ليەنيۈنگاڭ-ئالمۇتا) لېنىيەسىدە تۇنجى قاتناش باشلاندى(1)
      ·قازاقىستاندا 4-ئايدا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ
      ·شىنجاڭ ئۈچ يىلدا ئارقا-ئارقىدىن 3500 تەييارلىق سىنىپ قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: بۇ يىل تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ تېخنىكىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆزگىرىش سىنا…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ مۇدىرى ۋە يەسل…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى يېنىكلىتىلدى