- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مائارىپ مىنىستىرلىكى: بۇ يىل تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ تېخنىكىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆزگىرىش سىناق نۇقتىسى قوزغىتىلىدۇ
2015.02.15 19:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېبرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىكى 12-فېۋرال 2015-يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئېلان قىلدى. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەردە ئىدىيىۋىي تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىرىنچى مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىمتىھان ئارقىلىق قۇبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈش، «ئىككى مەكتەپ بىر شەھەر» ئۇنىۋېرسال مائارىپ ئىسلاھاتى شۈبھىسىز ھالدا بۇ يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىس بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن باشقا مائارىپ مىنىستىرلىكى يەنە بۇ يىل قىسمەن جايلاردا تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنى قوللىنىشچان تېخنىكىلىق مەكتەپلەرگە ئايلاندۇرۇش سىناق نۇقتىسىنى يېتەكلەشتىكى يېتەكچى پىكرىنى ئېلان قىلىپ، ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى قوزغىتىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر