باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى يىغىن ئاچتى

2015.02.13 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى مۇزاكىرە قىلىندى ۋە 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قارشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى كۆزىتىش ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس دوكلات قاراپ چىقىلدى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  [شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-فېۋرال تېلېگراممىسى] ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى 12-فېۋرال يىغىن ئېچىپ، گوۋۇيۈەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنغان «ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى»نى مۇزاكىرە قىلدى، «31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قارشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى كۆزىتىش ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس دوكلات»نى قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ فاڭجېنىنى ئايدىڭلاشتۇردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كۆزىتىش خىزمىتىدە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مەركەز مۇجەسسەملەشتۈرۈلۈپ، قاتتىق چۆچىتىش شەكىللەندۈرۈلۈپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ مەملىكەت دائىرىىسدە ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 66 رايون ۋە ئورۇننى كۆزىتىپ، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى، خىزمەت ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر