باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەنگلىيە شاھزادىسى ۋېليام جۇڭگودىكى زىيارىتىنى باشلىدى

2015.03.02 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە كامبىرىچ كىنەزى شاھزادە ۋېليام 1- ماي كەچتە بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، جۇڭگودىكى تۆت كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى.

  شاھزادە ۋېليام جۇڭگو خەلق دىپلوماتىيە ئىلمى جەمىئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن. بېيجىڭدىكى زىيارىتىدىن باشقا، شاھزادە ۋېليام شاڭخەي، يۈننەنلەرگە بېرىپ بىر قاتار مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ.

  شاھزادە ۋېليام ئەنگىلىيەنىڭ ئىككىنچى ئورۇندىكى تەخت ۋارىسى، ئەنگىلىيەنىڭ ئۆزىدە ۋە خەلقئارادا كەڭ تەسىر كۈچى بار. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ئەنگلىيە خان جەمەتى ۋە ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ جۇڭگوغا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى يىلدا يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر