خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ تۈنجى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 2-فېۋرال ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى يىغىن مەزگىلى»گە قەدەم قويدى. ئىقتىساد يېڭى ھالىتى، «يېپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى» ۋە «21-ئەسىردىكى دېڭىز يېپەك يولى»، چاڭ-توزانلىق ھاۋارايىنى تىزگىنلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر بۇ يىلقى ئىككى يىغىننىڭ ىزىق نۇقتا تېمىسىغا ئايلاندى. «ئىككى يىغىن مەزگىلى»نىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، 3000دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرنىڭ ئىككى يىغىن «ئاخبارات جېڭى»مۇ باشلاندى.
كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قارىغاندا، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتيىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنى 5-مارت ۋە 3-مارت بېيجىڭدا باشلىنىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى