باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ: خەلقتە ئېتىقاد، مىللەتتە ئۈمىد، دۆلەتتە كۈچ بار، دېدى

ليۇ يۈنشەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى

2015.03.02 17:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 28-فېۋرال چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىتىنىڭ ئالتۇن رەڭ زالىدا 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي يېزا-بازار، مەدەنىي ئورۇن ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى ئىلغار ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقتە ئېتىقاد، مىللەتتە ئۈمىد، دۆلەتتە كۈچ بار. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ماددىي بايلىق زور بولۇشى، روھىي بايلىقمۇ زور بولۇشى كېرەك. داۋاملىق بوشاشماي، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە چىڭ تۇتۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىنى كۈچلۈك ئىدىيە كاپالىتى، قۇدرەتلىك روھىي كۈچ، مول ئەخلاق ئوزۇقى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۈنشەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم مەملىكەتلىك مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەقدىرلەش ۋە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار مۇلازىمىتى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر